سۈرىيە ھۆكۈمىتى دوكلات قىلغان خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ھەممىسى كۆيدۈرۈۋېتىلدى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى (OPCW) تۆتىنچى يانۋار مۇنداق دېگەن: سۈرىيە ھۆكۈمىتى دوكىلات قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خىمىيەلىك قوراللار ئاللىقاچان كۆيدۈرۈۋېتىلدى.

   خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتى خەۋرىدە مۇنداق دېيىلگەن: سۈرىيەنىڭ قىسمەن خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ياللىغان ئامېرىكا «Veolia» شىركىتى تېكساس شىتاتىغا جايلاش كارخانىسىدا 75 تۇڭ ھىدروفىتورىدنى كۆيدۈرۈۋەتتى.


   خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە دوكلات قىلغان بارلىق خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ھەممىسى رەسمىي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش ئىجرائىيە باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، بۇ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش پىلانىنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشچە، سۈرىيەدە ھەقىقەتەن بىر قىسىم كىشىلەر جانغا زامىن بولىدىغان سارىن زەھەرلىك گازى ياكى سارىن زەھەرلىك گازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرىكمە ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.  

   بۇ تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئۆمىكى ھازىر سۈرىيە ھۆكۈمىتى 11 دېلو مىسالىغا قارىتا چىقارغان ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. قان ئەۋرىشكىسىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سارىن زەھەرلىك گازى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان، بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش زۆرۈر.



خەتكۈچلەر:
05-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek