ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى 16 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ‹‹مەرھابا›› مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، قىسىمدىكىلەر بىلەن يەرلىكتىكىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاي ئىچكەچ، ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق، قىسىم بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانى ھەققىدە ئورتاق پىكىرلەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، قىسىمدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىيدىن قايتقان، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرگە چاغانلىق سالام بەردى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى!


جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئاخىرلاشقان 2014 – يىلى پەۋقۇلئاددە، مۇرەككەپ، قالتىس بىر يىل، شۇنداقلا قىسىم قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بىر يىل بولدى. قىسىم بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەربىيلەر خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، ھەر مىللەت ھەربىي ۋە خەلق قەلبداش بولۇشتەك تەسىرلىك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ھالقىلىق پەيتتە ھەمدەم بولالايدىغان، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، پارتىيەگە سادىق، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جەڭگىۋارلىققا ئىگە كۈچلۈك قوشۇن، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلق تولۇق ئىشىنىدىغان، مەدەنىي، غەلىبە قىلىدىغان قوشۇن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما پەرزەنت ئەسكەرلەرگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ!
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2015 – يىلى ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىنىدىغان ئاخىرقى يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتەك مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچتە قەتئىي بولۇش›› نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ پارتىيە، ئارمىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ئەقىل كۆرسىتىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ خىل شەكىلدىكى ئارمىيە بىلەن خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ھەمكارلىقى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ بىرلەشمە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ ساھە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتەك تەسىرلىك سەھىپىسىنى ئېچىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملارنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قىسىملارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك.


شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوڭقۇر پەخىرلىنىمىز، غەيرىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. يېڭى بىر يىلدا، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ‹‹بالانىست تاش›› بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، ليۇ شىنچى، جۇ چاڭجيې، جارۇللا ھېسامىدىن؛ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى سېلىمجان سەيدۇللا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گو لوتەي قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
17-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek