ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ 23 چېگرا ئېغىزىنى تاقاشنى قارار قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ تاقالغان چېگرا ئېغىزى 39 غا يېتىپ، يېرىمىدىن ئېشىپ كەتتى.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تور بېكىتى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 18-فېۋرال چىقارغان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ 23 چېگرا ئېغىزىنى تاقاش ھەققىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم تاقالغان چېگرا ئېغىزىنىڭ 13ئى شەرقتىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونغا، 10 ئى شىمالغا جايلاشقان. بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تاقالغان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ 16 چېگرا ئېغىزىنى قوشقاندا ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ جەمئىي 65 چېگرا ئېغىزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاقالدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى: ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە چېگراسىدىكى قىسمەن ئېغىزلارنى تاقاش ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved