ھىنونېزىيەدە زور ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن جايلار جىددىي ھالەتكە كىردى

سۈرىيە كىرىزىسى پارتلىغىنىغا بەش يىل بولغان پەيتلەردە، سۈرىيە مەسىلىسى تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر 14- مارت جەنۋەگە قايتىدىن جەم بولدى. ئۇنداقتا بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سۆھبەت نېمىشقا يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ؟ جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا قوزغىتىشنىڭ قىيىن نۇقتىسى قەيەردە؟ بۇ قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا دېگەندەك «ئەمەلىي سۆھبەت» باسقۇچىغا كىرەلەمدۇ- يوق؟

تۈپكى ئىختىلاپ نېمە؟

ئالدىنقى قېتىملىق سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى بەك چوڭ بولغاچقا يېرىم يولدا توختاشقا مەجبۇر بولدى. بەشار ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر سۆھبەتنىڭ بېشىدىلا ئوتتۇرىغا قويغان قورغان تامنى چۇۋۇۋېتىش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈچ شەرتنى رەت قىلدى ھەمدە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە شەرت قويۇشتىكى مەقسىتى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىش دەپ قارىدى. ئەمما ئۆكتىچىلەر:«مۇبادا بىزنىڭ شەرتىمىز قاندۇرۇلمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سەمىمىيىتى يوقلۇقىنى، بەشەر ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئارقا سۆرەشتىن ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ئىشلار مەبلىغىنى كونترول قىلىشقا، ۋەزىيەتنى ھۆكۈمەتكە پايدىلىق يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇردى.

قارىماققا بۇ قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىدە ئالدى بىلەن ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ھەل بولغاندەك قىلسىمۇ، بىراق تۈپكى ئىختىلاپ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋەردى، ئۇ بولسىمۇ بەشارنى قالدۇرۇپ قويۇش ياكى ئېلىپ تاشلاش مەسىلىسى. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت كومىتېتىنىڭ قارىشىچە، بەشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشى سۈرىيەدە ئۆتكۈنچى سىياسىي يولى ئېچىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىكەن.

ئۆكتىچىلەر:«كەلگۈسىدە ئومۇميۈزلۈك مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزەلەيدىغان ئۆتكۈنچى ئاپپارات تەسىس قىلىشنى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باش قارالمىسى بولۇشى كېرەك» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرغان، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە سايلام مەسىلىسى ئەمەس بەلكى سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىقىشكەن. سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى سايلىمىمۇ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ بەشار يېڭى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ۋە ئۆتكۈنچى جەرياننىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدىكەن.

ئەكسىچە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇھىم قارالمىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشكەن، ھالبۇكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ قوراللىق مەزھەپلەرنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ بېكىتىلگەن.  شۇڭا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېكىتكەن «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «نۇسرا ئالدىنقى سېپى»دىن ئىبارەت ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن باشقا كىمنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ب د ت نىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ۋە جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان ئىككى مەسىلىدۇر. 

تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا قانداق قىيىن نۇقتىسى بار؟

تۈپكى ئىختىلاپتىن باشقا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەنپەئەت تەلىپىنىڭ بىردەك بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا روشەن پەرق ساقلىنىشى تىنچلىق سۆھبىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. ئۆكتىچى قوراللىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەشكىللىنىش قۇرۇلمىسى چېچىلاڭغۇ، كۈچى پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئاسانلا چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ يۆلىشىگە ۋە كونترول قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى تەسىر كۈچلەرنىڭ چىگىش مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ. ھازىرقى باسقۇچتا، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەردىن باشقا، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق كۆپلىگەن دۇنياۋى ۋە رايونلۇق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەدە مەنپەئەت چىگىچى مەۋجۇت. بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقى، تېخىمۇ چوڭ دەرىجىدىن ئېيتقاندا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەسىر كۈچلەرنىڭ ئارىسىدىكى «يەڭ ئىچىدىكى كېلىشىم جەريانى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇبادا ھەر قايسى تەرەپلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك سۈرىيەنى قورشاۋ شاھمات مەيدانى دەپ قاراپ، تالاش-تارتىشنى كۆپەيتىپ، يېتەرلىك ماسلاشۇرمىسا، سۈرىيە سىياسىي تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.

دېمىستۇرانىڭ قارىشىچە، ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە ب د ت تەشكىللىگەن سۈرىيەنى قوللاش خەلقئارالىق گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت گۇرۇپپا تەسىس قىلغاچقا، ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسى ھۆكۈمەتنى تەرتىپكە سېلىش، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ۋە كەلگۈسى 18 ئاي ئىچىدە سايلامنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بولىدىكەن. ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى تىنچلىق سۆھبىتى تەخمىنەن 10 كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن، تىنچلىق سۆھبىتى پىلان بويىچە 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىق ۋاقىتتا يەنە قايتا قوزغىتىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تىنچلىق سۆھبىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا ۋە يېرىم يولدا توختىتىشقا بولماسلىقتەك ساۋاقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دېمىستۇرا بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك مەسىلە مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، قايتا قوزغىتىلغان جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە يېڭى ۋەكىللەر تەكلىپ قىلىنمايدىكەن، تىنچلىق سۆھبىتى بۇرۇنقىدەكلا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاساسلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت كومىتېتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

نۆۋەتتە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر قايتا قوزغىتىلغان تىنچلىق سۆھبىتىگە بىر قەدەر ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىمنىڭ دېيىشىچە، سۈرىيە ئاممىسى تىنچلىق سۆھبىتىگە ناھايىتى ئۈمىدۋار قاراۋېتىپتۇ، بىراق سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىردا ئۇتۇقلۇق بولۇش ياكى بولماسلىقى تامامەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە باغلىق ئەمەسكەن، يەنە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان باشقا تەرەپلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ:«خەلقئارا جەمئىيەتنى ماسلاشتۇرۇپ سۇرىيەدىكى قان تۆكۈشنى توختىتىمىز، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇڭا بۇ قېتىم قايتا قوزغىتىلغان جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئەمەلىي مەزمۇنى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ كەتكەچكە، قىيىنچىلىق تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن. 



خەتكۈچلەر:
17-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزىگە نىقاب كېيىۋالغان فرانسىيەلىك ياشلار 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسىتىپ، نۆۋەتتە تۈزۈلىۋاتقان ئەمگەك قانۇن ئىسلاھات...
02-05-2016
    بۇلتۇر، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدا 2 نەپەر 14 ياشلىق ئۆسمۈر دېڭىزغا چىققاندا يوقاپ كەتكەن ئىدى. يېقىندا، ئۇلار ئولتۇرغان كېمە بايقالدى، كېمىدە ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ iPhone 6 يانفونى بار ئىدى. ئالما شىركىتى بۇ iPhone 6 يانفو...
02-05-2016
   يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «2016-يىللىق زور سانلىق مەلۇمات كەسپى يىغىنى»دا، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپى بۆلىمىنىڭ باشلىقى شىيې شاۋفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر زور سانلىق مەلۇمات كە...
02-05-2016
    مىلا يوۋوۋىچ، شون روبېرتىس قاتارلىقلار باش رول ئالىدىغان «بىئو-خىمىيە كىرىزىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئالتىنچىسى ياپونىيەدە ئەڭ بۇرۇن قويۇلىدۇ. ھازىر فىلىمنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە قويىلىدىغانلىقىنى بېكىتى...
02-05-2016
2016-يىلى 1-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:30 دا، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى 7-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 1-1 نەتىجە بىلەن ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن. مۇسابىقىنىڭ 69-م...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار پۇل مۇئامىلە ساھاسىدىكى بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك قاتلىمى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى بازار كۈچىنىڭ جۇڭگو پاي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ...
01-05-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، كېنىيە پايتەختى نايروبىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئامان قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل كەچتە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغقان ھەمدە قىسمەن جايلاردا كەلكۈن كەلگەن بولۇپ،  ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈ...
01-05-2016
    ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما نۆۋەتتە سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus تۇنجى نۇسخىدىكى سۇ ئۆتمەس ئىقتىدارغا ئىگە ئالما يان تېلېفونىغا ئايلىنىدىك...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى 97 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى (چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 65 نەپەر، تەيۋەندىن 32 نەپەر) جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن جۇڭگو خ ج ئورگانلىرى تەرىپىدىن مالايسىيادىن دۆلەتكە قايتۇرۇپ...
30-04-2016
    نۆۋەتتە جۇڭگو 10 نەچچە دۆلەتكە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جۇڭگو ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپى «چاقماق» تىپىدىكى ئايروپىلان...
Powered by Leglek