ياشانغانلار ئارىسىدا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى، ئىچ مىجەز خاراكتېرى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك:
1. كۈندە كىتاب ئوقۇشى كېرەك. كىتاب ئوقۇش بىلىمىنى ئاشۇرغاندىن باشقا، تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مېڭە ھەرىكىتىنى كۆپەيتىدۇ، بۇ ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، بىراق ياشانغانلار چوقۇم جىمجىت مۇھىتتا كىتاب ئوقۇشى كېرەك، چۈنكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىت ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك. ياشانغانلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كۈندىلىك گېزىتلەرنى ئوقۇپ، نۆۋەتتىكى جەمئىيەت ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇمۇرلۇق كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ كۆڭلىنى ئېچىشى كېرەك.
3. ھېكايىلەرنى كۆپرەك ئوقۇشى كېرەك. ياشانغانلار پوۋېست، رومانلارنى ئوقۇغاندىن كۆرە، قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇغىنى ياخشى، بۇنداق بولغاندا زېھنىنىڭ خورىشىدىن ساقلىنىدۇ.
4. كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشى كېرەك. ياشانغانلار كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved