جۇڭگو ئاخبارات تورى جاڭجياجې 1- ئاينىڭ 2 –كۈنى تېلېگراممىسى، خۇنەن جاڭجياجې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى يېڭى يىلدا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. 1- ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن 2 – كۈنىگىچە، بۇ مەنزىرە رايونى جەمئىي 5800 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان. ئەھۋال ئىگەللەشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %80 كە يېقىن ساياھەتچى نۆۋەتتە قۇرۇلۇۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئېگىز پۈتۈنلەي سۈزۈك ئەينەكتىن ياسالغان كۆۋرۈكنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن.
بۇ ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ ئورنى جاڭجياجې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى لى شۇيا ، ۋۇ ۋاڭپو رايونى دائىرىسىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 430 مېتىر، كەڭلىكى 6 مېتىر، كۆۋرۈك يۈزى بىلەن جىلغا ئاستىنىڭ نىسپىي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىكەن. كۆۋرۈك يۈزىگە پۈتۈنلۈك سۈزۈك ئەينەك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆۋرۈك مەركىزىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز سەكرەش سۇپىسى بار ئىكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 800 ساياھەتچىنى سىغدۇرالايدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بۇ كۆۋرۈك دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئېگىز ئەينەك كۆۋرۈك، دۇنيادىكى تۇنجى بولۇپ ئەينەكنى ئاساسلىق كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى قۇرۇلما قىلغان چوڭ تىپتىكى كۆۋرۈك قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا، بۇ ئەينەك كۆۋرۈك مۇۋاپپىقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە، بۇ يىل « 1- مايدا » سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن، ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىسىم تاللاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ھارىزغىچە 100 مىڭ تورداش ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىسىم تاللاش پائالىيىتىگە قاتناشقان. گەرچە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىغا يەنە 5 ئايغا يېقىن ۋاقىت بار بولسىمۇ، ساياھەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، كۆرۈشكە تەقەززا بولماقتا.
يېڭى يىللىق قىسقا دەم ئېلىشتا، جاڭجياجې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، «جاڭجياجې چوڭ جىلغىسى جىياڭ يا ئارشىڭى، جاڭجياجې مەركىزى مەنزىرە رايونى ۋۇلىڭيۈەن » قاتارلىق مۇلازىمەتچىسىز ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ھەر قايسى ساياھەتچىلەر مەنبەسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى. ساياھەت چۈشەندۈرۈشىگىمۇ كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رىكورتىغا ئىگە ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ مەزمۇنى كىرگۈزۈلۈپ، ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ ۋە ھەيۋەتلىكىنى ھىس قىلدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جاڭجياجې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇلازىمەتچىسىز ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى چاڭشا، ۋۇخەن، جىڭ جوۋ، جىشوۋ قاتارلىق ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved