گال سىلىقلاش كەمپۈتى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك چۈچۈكبۇيا قېتىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسە، قان بېسىمنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈچۈكبۇيا تەبىئىي ئۆسۈملۈككە تەۋە بولغاچقا، بىر قەدەر بىخەتەر، ئەمما ئۇزاق ۋاقىت ئىستىېمال قىلغاندا، بەدەن ئىششىش، قاندىكى ناترىينىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئاستا-ئاستا شەكىللەنگەن ئىششىق يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭغا قاندىكى ناترىينىڭ قويۇقلۇقى قوشۇلۇپ، قان تومۇر دىۋارىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. كۆپلىگەن يېمەكلىكلەرگە چۈچۈكبۇيا قوشۇلىدۇ، مەسىلەن، سوغۇق چاي، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنداق چايدىن كۈندە بىر بوتۇلكا ئىچىپ ئادەتلىنىپ قالغان. سوغۇق چاينىڭ ئۆزىگە خاس پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، زىيادە كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.
![]() |
تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
|
![]() |
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ.
2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ.
3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ.
5. ئانتىبىيوتىك دور...
|
![]() |
بەلنىڭ چىم بولۇشى تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشتىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
بەل چىم بولۇپ ئاغرىغاندا، مۇۋ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved