جاھان ئاگېنتلىقى 13-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى، مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 300 دىن كۆپ قۇمانداننى ۋەزىپىدىن قالدۇردى. باش مىنىستىر ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىبادىنىڭ 300 دىن كۆپ قۇمانداننى دەم ئېلىشقا چىقىرىش قارارى، ئىراق دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئاكتىپ بولۇشى ۋە مىللى بىخەتەرلىكنىڭ قوغدىلىشى نوقتىسىدىن ئىراق ئارمىيسىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللىنىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى. باش مىنىستىر ھەيدەر ئىبادى 2014-يىلى نويابىر ئېيىدا سابىق باش مىنىستىر نۇرى مالىكى دەۋرىدە مۇھىم خىزمەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن 26 نەپەر قۇمانداننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved