جۇڭگو ئاخبارات تورى، 28-ئىيۇل تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە زۇڭلىسى خۋاڭ كيوئەن شۇ يەر ۋاقتى 28-ئىيۇل كورېيە ھۆكۈمەت بىناسىدا «ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(مېرس) تاقابىللىق يىغىنى»نى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مېرس يۇقۇمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىگەنلىكىنى جاكارلاپ، كورېيە خەلقىنى ئەنسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.
خۋاڭ كيوئەن يىغىندا: گەرچە خەلقئارالىق قاتتىق ئۆلچەم بويىچە يۇقۇمنىڭ پۈتۈنلەي ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلاشقا يەنە ئازراق ۋاقىت بار بولسىمۇ، بىراق، كورېيەدە مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇلغان 15 دوختۇرخانا ئايرىپ كۆزىتىشنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە 23 كۈنگىچە يېڭىدىن بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالمىدى، ئايرىپ كۆزىتىلىشنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى، شۇڭا، داۋالاش ساھەسى بىلەن ھۆكۈمەت بىردەك ھالدا ئاممىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنى خاتىرجەم، نورمال ئۆتكۈزسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ، دېگەن.
كورېيەدە 20-ماي مېرس يۇقۇمى بايقىلىپ 69 كۈندىن كېيىن ھۆكۈمەەت بۇ يۇقۇمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىگەنلىكىنى جاكارلىغان، بىراق، نۆۋەتتە يەنە بىر بىمارنىڭ گېنى تەكشۈرۈلگەندە مۇسپەت ۋە مەنپىي نەتىجە تەكرار بايقالغان بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا، كورېيە ھۆكۈمىتى ئەڭ تېز بولغاندىمۇ ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاندىن بۇ يۇقۇمنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىيالايدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved