خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : EFE ئاگېنتلىقىنىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن : ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئادەم ۋە يۈك توشۇيدىغان بىر پاراخوت كونگونىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تانگانيىكا كۆلى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 129 ئادەم قازا قىلدى .
شۇ جايدىكى قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن : نۆۋەتتە ، قۇتقۇزۇش ئەترىتى 129 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپتى ، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلاركەن . ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تېخى ئېنىق ئەمەس ، بەلكىم يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن . نۆۋەتتە ، 232 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى ، ئۇلار ئاساسلىقى ئەرلەر .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved