ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىندا، كانادادىكى فوتوگراف پىك تومالتى تىيىنلارنىڭ بىر تۈركۈم رەسىملىرىنى تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ئوماق ھەرىكەتلەرنى قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، 65 ياشلىق پىك بىر پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ۋە فوتوگراف ئىكەن. يېقىندا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈللۈكىدە ئوماق قىلىقلارنى چىقارغان ئۈچ تىيىننى رەسىمگە تارتىۋالغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئىككى كۈن ساقلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تىيىنلار بىر-بىرىنى قىستىشىپ تۇرغاندا ناھايىتى ئوماق كۆرىنىدىكەن. ئۇلار خۇددى بىر ئۇۋىدىكى قېرىنداشلاردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
رەسىمدە، ئۈچ تىيىن بالىسى دەرەخ كامىرىدىن چىقىپ، خۇددى ئەتراپنى رازۋېتكا قىلىۋاتقاندەك قارىغان. خەتەر يوقلۇقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن كامىردىن چىققان ۋە دەرەخ بېشىدا ئويناشقا باشلىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved