جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈركىيەدىكى 1-چوڭ پارتىيە بولغان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى 17-ئاۋغۇست ئەنقەرە: بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەشتىن ھېچقانداق ئۈمىد يوق دېدى.
7–ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىدا ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %40.87لىك ئاۋاز بىلەن پارلامېنتتىكى 550 ئورۇننىڭ 258گە ئېرىشتى. ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئېرىشكەن ئورۇن يېرىمدىن ئاشمىغانلىقتىن، ئۆز ئالدىغا بىر كابىنېت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ، پەقەت باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ . 9-ئىيۇل، ئەردوئان داۋۇت ئوغلىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى. تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: يېڭى ھۆكۈمەت 45 كۈن ئىچىدە تەشكىللىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن تۈركىيە يەنە بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved