چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «بۈركۈت كۆز» جېرمى رېننېر بوكىس شاھى روكى مارچىئانونىڭ تەرجىمىھال فىلىمىدە بوكىس شاھىنىڭ رولىنى ئالىدىكەن، نۆۋەتتە فىلىمنىڭ ئىسمى بېكىتىلمىدى، رېژىسسور نامزاتىمۇ تېخى بېكىتىلمىدى.
روكى مارچىئانو بولسا 1952-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس شاھى، كەسپىي ھاياتىدىكى نەتىجىسى بولسا 49 ئۇتۇش نۆل تەڭلىشىش نۆل ئۇتتۇرۇش (43 قېتىم KO)، ئۇ بوكىس تارىخىدىكى بىردىنبىر كەسپىي ھاياتىدا تولۇق يەڭگەن دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكىس شاھى ھەم دۇنيا ئېتراپ قىلغان تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ بوكىس ماھىرىنىڭ بىرى.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ قېتىم سۈرەتكە ئالىدىغان ھۈججەتلىك فىلىمدە روكىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىن 1969-يىلى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن قازا قىلىغىچە بولغان ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرلىدىكەن. فىلىمنىڭ سىنارىستىغا سامىئۇل فرانكو ۋە ئېۋان كىلگورې بېكىتىلدى، موررىس لېۋى فىلىم ئىشلىگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەكىسچە رېژىسسور نامزاتىنى نۆۋەتتە يەنىلا ئىزدەۋاتىدۇ.
جېرمى رېننېر يېقىنقى بىر قانچە يىلدا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» دا «بۈركۈت كۆز» نىڭ رولىنى ئېلىپ نام چىقاردى، كېلەر يىلى ئۇ قايتا «ئامېرىكا كاپىتانى3: ئىچكى ئۇرۇش» تا پەيدا بولىدۇ.
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved