جاھاندىكى بايلىقنىڭ %40 ى %1 كىشىنىڭ چاڭگىلىدا ئىكەن

خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات، پىلان مەھكىمىسى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، جاھاندىكى ئەڭ باي %1 كىشىنىڭ مۈلكى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي مۈلكىنىڭ %40 تىگە يېقىنراق سالمىقىنى ئىگىلەيدىكەن، ھالبۇكى ئەڭ نامرات %50 كىشىنىڭ مەلكى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي مۈلكىنىڭ ئاران %1 تىنى ئىگىلەيدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئەگەر تەدبىر قوللىنىلمايدىغان بولسا، بۇ غايەت زور باي- گادايلىق پەرقى ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئاساسىنى بەربات قىلىۋېتىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات، پىلان مەھكىمىسى بۇ يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېلان قىلغان «بۆلۈنگەن ئىنسانىيەت: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تەڭسىزلىككە بىۋاسىتە يۈزلىنىش» ناملىق بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، 1990- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تەڭسىزلىك %11 ئاشقان؛ 1990- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسىم نوپۇس كىرىم پەرقى تېخىمۇ چوڭ بولغان مۇھىم ئىچىدە ياشىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەڭپۇڭسىزلىق كىرىمدىن باشقا يەنە جىنس، شەھەر- يېزا، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەكس ئەتتى. مەسىلەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، يېزىلاردىكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى شەھەردىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق چىقتى؛ بەش ياشتىن ئىلگىرى چاچراپ كەتكەن بالىلار ئىچىدە ئەڭ نامرات %20 ئائىلىنىڭ سانى ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپ بولدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، زور تەڭپۇڭسىزلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەتتىكى ئۇيۇشۇش كۈچىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن. گەرچە قايتا تەقسىملەش تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەر يەنىلا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولغان ئەندىزە ـــ نامرات نوپۇس بىلەن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تەڭپۇڭسىزلىق ھادىسىسىنى داۋاملىق ئازايتىشتۇر، بۇ نۇقتا 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :



خەتكۈچلەر:
15-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek