ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى ...
ياغ تەركىبى يۇقىرى ۋە تەركىبىدە ھايۋانات ئاقسىلى بار يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولمىغاچقا، ھاۋا بوشلۇقىدا ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.
تەركىبىدە تالا ماددىسى كۆپ ۋە ئاسان يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. ئايروپىلان 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا ئۇچىدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى يەل يەر يۈزىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئايروپىلاندا كۆكرەك سىقىلىش، قورساق كۆپۈش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.
تاماقنى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك. ھەددىدىن ئارتۇق تويۇنۇپ غىزالانغاندا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ ۋە قان ئايلىنىشمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved