يەرشارى تورى خەۋىرى: كورىيە ‹‹شەرقىي ئاسىيا گېزىتى››نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە پارك گيۇنخاي 30-يانۋار facebook تورىدا خەت يېزىپ، جۇڭگولۇق مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە مۇھەببىتىگە رەھمەت ئېيتتى. پارك گيۇنخاي يەنە جۇڭگولۇق مەستانىلىرى تەييارلىغان ئۈستەل كالېندارىنى ئاشكارىلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2-يانۋار پارك گيۇنخاينىڭ 64 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پارك گيۇنخاي جۇڭگودىكى مەستانىلەر كۇلۇبى ‹‹پارك گيۇنخاي ئىتتىپاقى›› ئۇنىڭغا پارك گيۇنخاينىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كالېندار ھەدىيە قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگولۇق مەستانىلىرى ھەدىيە قىلغان ئۈستەل كالېندارى جەمئىي 64 بەت بولۇپ، كالېنداردىكى سۈرەتلەر پارك گيۇنخاينىڭ ھەر ئايلىق پائالىيەتلىرى، تۇغۇلغان كۈن تىلەكلىرى، پارك گيۇنخاينىڭ ھەجۋى رەسىمى ۋە ئۆزلىرى يازغان شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان.
‹‹پارك گيۇنخاي ئىتتىپاقى›› ناملىق مەستانىلەر كۇلۇبى 2013-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى مەستانە سانى 23 مىڭدىن ئاشىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved