گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان، پاكىستان، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىرى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباددا سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى دېڭ شىجۈننى بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە ئەۋەتكەن.
بىر پاكىستان يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ، پاكىستان ناھايىتى زور ئۈمىد باغلىماقتا. پاكىستان ۋەكىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ قېتىملىق يىغىن يېڭى تىنچلىق سۆھبىتى يۆنىلىشى ۋە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ . پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف ئىستراتېگىيىسى ۋە دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى ئەزىزى يىغىندا مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى «تالىبان توغرىسىدا جەلپ قىلىش كۈچى بار شەرتلەرنى قويۇش». ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك ئىكەن.
بۇلتۇر 7-ئايدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى پاكىستاننىڭ تاغلىق شەھىرى مۇرىدا رەسمىي ئۇچراشقان بولۇپ، لېكىن سۆھبەت جەريانىدا زوراۋانلىق ھۇجۇمى يۈز بەرگەچكە، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بۇ سۆھبەتنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ئادېنائوئېر فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىسلامئاباددا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى روننى ھېيىن مۇنداق دېگەن :« تالىبان بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىدە جۇڭگو كۆڭۈلدىكىدەك ياراشتۇرغۇچى ». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبانلارغا خېلى تەسىرى بار، لېكىن جۇڭگو، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ ، بىر يول » نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان «جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى » مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، پاكىستانغا تېخىمۇ چوڭ تەسىرى بولىدۇ. پاكىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى بۇ تۈرگە ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە مارشال فوندى ئاسىيا تۈر تەتقىقاتچىسى سىمورنىڭ بىلدۈرىشىچە، غەربنىڭ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش قاتارلىق قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئوخشاشماسلىقى شۇكى، بۇخىل ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش، جوڭگۇنى تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تۆت تەرەپ سۆھبىتىدە تالىباننىڭ سۆھبەتكە قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تالىبان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۆپەيتكەن. ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى بىر مەكتەپدە پارتىلتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە 3 ئادەم قازا قىلغان، 8 ئادەم يارىلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved