جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
دەسلەپكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 7-ئىيۇن ئېچىلغان پارلامېنت سايلىمىدا %41.45 ئاۋازغا ئېرىشىپ، باشقا پارتىيەلەردىن ئۈستۈن تۇرغان. بىراق پارلامېنتتا يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىيەلمىگەنلىكتىن بىر پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمەيدۇ.
ھازىرقى ئېرىشكەن ئاۋاز سانىدىن قارىغاندا، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 261 ئۇرۇنغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 130 ئورۇنغا، مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسى 84 ئورۇنغا، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى 75 ئورۇنغا ئېرىشكەن. تۈركىيە سايلام قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پارلامېنتتا ئېرىشكەن ئورنى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىسە ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە بولىدۇ. ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى %10 گە يەتمىگەن پارتىيە پارلامېنتقا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر بىر پارتىيە پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىيەلمىسە، تۇنجى چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved