بروك لەسنار بىلەن ئالبېرتونىڭ جېڭىدە كىم غەلبە قىلدى؟

       بۈگۈنكى ئىنگېلېۋود (لوس ئاژىلىسنىڭ غەربىدە) نەق مەيدان مۇسابىقسىدە، بىروك لەسنار ئالبېرتو دېل رىئونىڭ ئامېرىكا چېمپىيونلۇقىغا جەڭ ئېلان قىلدى، بىراق بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان فىلىمى بىۋاستە تارقىتىلمىدى، جەڭ نەتىجە تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

دولف زىگگلېر تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقتى، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دې مىز ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى، مەستانىلەر دامىئەن سەندوۋ نىڭ ئىسمىنى توۋلاشتى. دولف ئاخىرىدا ZIG ZAG (ماھارەت ئىسمى، ئارقىدىن سەكرەپ بوينىدىن تارتىپ يىقىتىش ماھارىتى) نى ئىشلىتىپ غەلبە قىلدى.

BAD كىچىك گۇرۇپپىسى روژېستوۋا بوۋاينىڭ پوسمىسىنى كەيگىنىچە مەيدانغا چىقتى، ئۇلار مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ بىر ھازا سەلبىي ئوبرازلارنىڭ گېپىنى قىلدى، ئارقىدىن WWE ئاياللار چېمپىيونى شارلوت، بېكىي لېينچ، برى بېللا مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقە ئىنتايىن ياخشى ئالقىشقا ئېرىشتى، ئاخىرىدا شارلوت، لېينچ، بېللا غەلبىگە ئېرىشتى.

شېمۇس سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى، سۆزىدە بۈگۈنكى مۇسابىقىدە رومەن رېيگنىسنى مەغلۇب قىلىپ، WWE دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى تارتىۋالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      ئارقىغا ئۇلاپلا رايبەك بىلەن رۇسېۋنىڭ مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەلۋەتتە لانامۇ بىللە مەيدانغا چىقتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەھۋالى دەششەت جىددىي بولدى، ئىككىيلەن مۇشت پەشۋانى ئاستى ئۈستى، ئوڭ سول دېمەي ئېتىشتى. رۇسېۋ رايبەكنى«غەلبە قۇلۇپى - The Accolade» بىلەن قۇلۇپلىۋالدى، بىراق رايبەك ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قۇلۇپنى بۇزۇۋەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ جان ئالغۇچى ماھارىتى Shell-shocked (مۈرىسىگە ئېلىپ ئارقىغا تاشلاش) بىلەن غەلبە قىلدى.

     بروك لەسنار ۋە پائۇل خېيمەن مەيدانغا چىقتى، مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىقاس چۇقان سېلىشتى، مۇسابىقە باشلىنىشىغىلا ئالبېرتو ھۈنەر كۆرسىتىشكە باشلىدى، بىراق لەسنار ياندۇرۇپلا 3-4 قېتىم بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئارقىغا تاشلىۋەتتى. بىر ھازادىن كېيىن ئالبېرتو قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، لەسنار سەھنىنىڭ تۆمۈرىگە ئۈسۈۋالدى. رۇسېۋ تويۇقسىز مەيداننى قالايمىقان قىلدى، لەسنار رەقىبىنىڭ سالاھىيىتىنى يوقىتىش ھېسابىقا (DQ) غەلبە قىلدى، ئالبېرتو چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالدى. لەسنار ئارقىدىن رۇسېۋنى ئوبدانلا ئۇچۇغداپ قويدى، ئۇنىڭغا بىر German Suplex – قۇچاغلاپ ئارقىغا ئېتىش ۋە بىرF5 سوۋغا قىلدى. لەسنار مەيداندىن ئايرىلغان بولدى، بىراق قايتىش يولىنىڭ يېرىمىغا كېلىپلا، ئارقىغا قايتىپ سەھنىگە چىقتى، سەھنىدىكى ئالبېرتوغا بىر ئارقىغا تاشلاش، ۋە بىر F5 ھەدىيە قىلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، پائۇل خېيمەن ھېسابتا ھېچقانداق سۆز قىلمىدى.

كەين، توممىي جرامېر ۋە دادلېي يىگىتلىرى گۇرۇپپىسى ۋيات جەمەتى گۇرۇپپىسىنى مەغلۇب قىلدى، ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە شىددەتلىك مۇسابىقە بولغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈستەل ئىشلىتىلمىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا لۇك خارپېر دادلېي يىگىتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەجەللىك ماھارىتى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە شىددەتلىك مۇسابىقە بولغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈستەل ئىشلىتىلمىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا لۇك خارپېر دادلېي يىگىتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەجەللىك ماھارىتى 3D دىن بىر يەۋالدى، ھەم قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئامال قىلالمىدى، شۇندىلا ۋيات جەمەتى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۋەتتى.

كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە شىتاتلار چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولدى، كەيۋن ئوۋېنس دېئەن ئەمبروسقا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالاشتى. ئىككىيلەن مەيدانغا چىقىشىغا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كەيۋن ئوۋېنس، ئەمبروس مەيدانغا چىقىشىغىلا ھۇجۇم قىلدى، مەيدانغا چىقىش يولىدىلا قوڭغۇراق چېلىندى. بۇ مەيدان مۇسابىقە نەق مەيدان مۇخبىرى تەرىپىدىن ئەڭ نادىر مۇسابىقە دەپ تەرىپلەندى، چۈنكى باشتىن ئاخىرى بەكمۇ ۋەھشىي بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئەمبروس ئۆزىنىڭ يەرگە ئۈستۈرۈش ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلدى.

 

       ئەڭ ئاخىرقى ئاساسىي مەيدان مۇسابىقە، شېمۇس بىلەن رومەننىڭ دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولدى. رومەن يەنىلا لىشىكەرنىڭ ئارىسىدىن مەيدانغا چىقتى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى مەيداننى بىر ئالدى. شېمۇس مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى زاڭلىق قىلدى. مۇسابىقە ئىنتايىن ياخشى ئوينالدى، بىراق مۇسابىقە نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش بىھاجەت... دېمەيلا ئۆتۈپ كىتەمدۇق يا؟ رومەن رېيگنس بىر ئۇچار سوقما مۈرە بىلەنلا مۇسابىقىدە غەلبە قىلدى.

      رومەن ئارقىدىن سۆز قىلىپ: بىرىنچى قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قېلىش نەتىجىسىدىن، ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەم كەڭ مەستانىلىرىنىڭ ھەم تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىمىزدىكى (ئۆزىنىڭ) بايرىمىنى ھەم يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

تاماشىبىنلارمۇ نادىر مۇسابىقىدىن خۇشال بولۇپ ئۆيلىرىگە خۇشال قايتىشىتى.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار uywwe سالونىدا، قۇشۇۋېلىڭ، تارقىتىڭ. دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ.

@كۈسەنبەگ



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek