سېتۋى بالمېر (Steve Ballmer) يۇمشاق دېتال ماگناتى مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)، ئۇ 2006-يىلى دۇنيادىكى مىلياردېر تىزىملىكىدە 24-ئورۇنغا تىزىلغان. مال-مۈلكى 13 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللار. 1980-يىلى مىكروسوفت قېتىلغان. ئۇ بىل گېيتىس (Bill Gates) قۇبۇل قىلغان تۇنجى سودا ئىشلىرى دېرىكتورى. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكلاۋرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دادىسى شىۋىتسارىيەلىك بولۇپ، ئاپىسى رۇسىيەلىك يەھۇدى ئەۋلادى ئىدى. دادىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى (WWII) دىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇرۇش جىنايەتچىسى سوت كوللېگىيىسىنىڭ باش سوتچىسىغا تەرجىمان بولغان. كېيىن ھەممىباب ماشىنا شىركىتى (General Motors Corporation) دە ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا فورد ماشىنا شىركىتى (Ford Motor Company) دە بوغالتىر بولغان.
سېتۋى بالمېر 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكىنىڭ دېترويت (Detroit) تا تۇغۇلغان. دادىسى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئوغلىنى ئاداققىچە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
سېتۋى بالمېرنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇنلا بىر ماتېماتىك ياكى فىزىك بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ تولۇق ئوتتورا مەكتەپتىكى چېغىدىلا ماتېماتىكا مۇسابىقەسىدە نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى SAT ئىمتىھانىدا 1600 نومۇر، يەنى تولۇق نومۇر ئالغان. ئۇ 1973-يىلى خارۋارد (Harvard University) ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىردى ھەمدە ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكالاۋرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
1974-يىلى سېتۋى بالمېر خارۋراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياتاق كارىدورىدا بىل گېيتىس بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. بىرى خېجىلچان، ئىچ مىجەز، ئىجتىمائىي ئالاقىگە نائۇستا كومپىيۇتېر ئاتامانى، يەنە بىرى ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى پەقەت ماس كەلمەيتتى. ئەمما ئۇلار بىر ئۇچرىشىپلا دوست بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ناھايىتى بىر يەردىن چىقاتتى.
1980-يىلى سېتۋى بالمېر ستانفورد سودا ئىنستىتۇتى (Stanford Business School) دا ئوقۇماقچى بولغاندا، بىل گېيتىس ئەمدىلا «تۇخۇم باستۇرغان» مىكروسوفتتا ئۇنى قايىل قىلىپ ئېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىكروسوفتنىڭ 30-خىزمەتچىسى بولدى.
سېتۋى بالمېر دەسلەپتە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مائاش ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىكروسوفتنىڭ %7 پېيىنى كونترول قىلاتتى. 1981-يىلى مىكروسوفتنىڭ %8 پېيىنى كونترول قىلىدىغان بولدى.
1990-يىلى 34 ياشلىق سېتۋى بالمېر توي قىلدى. ئۇ ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى بالىلىرى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ بەختلىك توي مۇراسىمىغا ئاللىبۇرۇن 23 يىل ۋاقت بولدى.
ئۇ 1998-يىلى مىكروسوفتنىڭ باش دېرىكتۇرلۇقىغا تەيىنلەندى. ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىگە مەسئۇل بولۇش ئىدى. 2000- يىلى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) بولدى. ئارقىدىنلا بىل گېيتىس ھەممە ھوقۇقنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
بۇ 13 يىلدا مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ سانى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. يىللىق كىرىمى تۆت ھەسسە، يىللىق پايدىسى 10 ھەسسە ئاشتى.
بۇ 13 يىلدا سېتۋى بالمېر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون (Smartphone)، تاختا كومپىيۇتېر (Tablet PC) نىڭ غايەت زور پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. iPhone ۋە iPad كە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشقا ئېرىشكەن مودا مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرالمىدى. ئەمما ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى (Desktop operating system) بازىرىدا ئىگىلىگەن %90 تىن ئارتۇق بازار ئۈلۈشىنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇمۇ ئاسان ئىش ئەمەس!
![]() |
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.
«چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved