ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) يېقىندا يۇپىتېرنىڭ ئىككىنچى ھەمراھى ‹‹ياۋروپا ›› نىڭ يېپيېڭى بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلغان . (NASA) بۇ سۈرەتنى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن ، «گالىلېي» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئىشلىتىپ 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپلا زور مىقداردا سۈرەتلەرنى يىغىشقا باشلىغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ «ياۋروپا» نىڭ نۆۋەتتىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سۈرىتى بولۇپ ، ئۇنىڭ يۈزىنى نۇرغۇن ئىجىر-مىجىر تومۇرلار قاپلاپ كەتكەن .
ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، قۇياش سىستېمىسىدا يەر شارىدىن باشقا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان جاي ‹‹ياۋروپا›› دىكى مۇزلۇق قەۋىتىنىڭ ئاستى ئىكەن . ئالىملار ‹‹ياۋروپا ›› نىڭ يۈز قىسمىدىن بايقالغان گىيولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك ھادىسلەر ئارقىلىق ، ‹‹ياۋروپا ›› دا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغىنى بولامدۇ -يوق؟ دېگەننى بىلمەكچى بولغان .
2013-يىلى 12-ئايدا ‹‹ياۋروپا ›› نىڭ يۈز قىسمىدا سۇنىڭ پارغا ئايلانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان . ۋاھالەنكى بۇ يىل 9-ئايدا ئالىملار تۇنجى قېتىم ‹‹ياۋروپا ›› دا يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تۈزۈلمە ھەرىكىتىنى بايقىغان . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىملار قىياسىنى مۇۋاپىق ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved