26-ئىيۇن، 27-نۆۋەتلىك خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ باش تېمىسىنى ‹‹ئۈمىدنىڭ ئۇچۇرى: دورا ئىشلىتىشتىن پەيدا بولغان توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ›› دەپ بېكىتتى.
1987-يىلى 6-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنا شەھىرىدە ناركوز قىلىش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە قانۇنسىز زەھەر يۆتكەش مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ‹‹ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، زەھەر چەكلەش››نى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ھەر يىلى 26-ئىيۇننى ‹‹خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەن.
زەھەر چىكىش ۋە زەھەر ئېلىپ-سېتىش ساغلاملىققا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، زەھەر ھەر يىلى 200 مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ياشلار ئىكەن.
27-قېتىملىق زەھەر چەكلەش كۈنىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى شىنجاڭ ساقچى-ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە زەھەر يوقىتىش قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭدىكى زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن كۆپ مىقداردىكى زەھەرنى مەركەزلىك كۆيدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved