قەستەن ئۇخلىماسلىق بەزى ياشانغان كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىۋالسا كەچتە ئۇخلىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا چۈشتە ھەرقانچە ئۇيقۇسى كەلسىمۇ قەستەن ئۇخلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق بولغان چۈشلۈك ئۇيقۇ كەچلىك ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇيقۇسى كەلسىمۇ، قەستەن ئۇخلىماسلىق چوڭ مېڭىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ئادەمنى چارچىتىپ قويىدۇ. چالا – پۇچۇق ئۇخلاش بەزى ياشانغان كىشىلەر چۈشلۈك ئۇيقۇنى كىچىككىنە ئۈگدىۋېلىش دەپ قاراپ، كىرېسلودا قىڭغىيىپ ياكى ئۈستەللەرگە يۆلىنىپلا ئۇخلايدۇ، بۇ چاغدا چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا چۈشلۈك ئۇيقۇنى ئەپلەپ – سەپلەپ تۈگەتمەسلىك، ئاز ئۇخلىغان ھالەتتىمۇ كارىۋاتتا راھەت يېتىپ ئۇخلاش كېرەك.
بەك ئۇزاق ئۇخلاش ياشانغانلارنىڭ چۈشلۈك ئۇخلاش ۋاقتى بىرەر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە، چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋىسى تورمۇزلىنىپ، چوڭ مېڭىدىكى قان ئايلىنىش ۋە قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەن ئارامسىزلىنىش ياكى تېخىمۇ ئۇيقۇسىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلاش چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ كېتىدۇ، كۆپ مىقداردىكى قان ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا مەركەزلىشىپ قېلىپ چوڭ مېڭىنى تەمىنلەيدىغان ئوكسىگېن مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئادەتتە چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا چۈشلۈك ئۇيقۇدا بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بەك مايلىق تاماق يېمەسلىك، بەك تويۇنۇپ تاماقلانماسلىق كېرەك. چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇشقا ئالدىرىماسلىق، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇش، ئاندىن بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved