فرانسىيە «20 مىنۇتلۇق گېزىتى» نىڭ 2-دېكابر خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دىننى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇش ئىدىيىسى تارقىتىدىغان ئۈچ مەسچىتنى تاقاشقا بۇيرۇق چىقارغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فرانسيە زۇڭلىسى ۋالس:«تاقىۋېتىلگەن بۇ ئۈچ مەسچىتتە داۋاملىق فرانسىيەگە، جۇمھۇرىيەت قىممەت قارىشىغا قارشى تۇرۇش توغرىلىق نۇتۇق سۆزلىنىدۇ، بۇ مەسچىتلەر ئاشقۇن ياشلارنىڭ ئىغۋا تارقىتىدىغان سەھنىسىگە ئايلىنىپ فرانسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى» دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ بۇيرۇقنى چىقارغاندىن كېيىن ۋالس «فرانسىيە ئۈچ تېلىۋېزىيە ئىستانسىىسى» دا زىيارەت قوبۇل قىلىپ، بۇ بۇيرۇقنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى فرانسيە تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇرۇنلا چىقىرىلىپ بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن بۇيرۇقنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىش تەقەززاسىنىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە تېرورلۇق ھۇجۇم پىلانلايدىغان ئۇنسۇرلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved