يەر شارى خەۋەر تورى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراندا پادىشاھ پەھلەۋىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى بىلەن باشلانغان ئىران يادرو پروگراممىسىدا 5+1 دۆلەتلىرى بىلەن 18 ئايدىن بۇيان جىددى يۈرگۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ئاچقۇچلۇق تېمىلاردا يارىشىش ھاسىل بولدى
1957-يىلى پەھلەۋى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن يادرو پروگراممىسىنى باشلىدى.
1967-يىلى ئىران يادرو تەكشۈرۈش رېئاكتورى پائالىيەت باشلىدى.
1968-يىلى ئىران يادرو قۇراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدە بىتەرەپ تۇردى.
1973-يىلى ئامېرىكا، فرانسىيە، نامبىيە، جەنۇبى ئافرىقا ۋە غەربى گېرمانىيە بىلەن يېڭى كېلىشىم تۈزۈلدى.
1974-يىلى پەھلەۋى، ئىراندا يادرو قۇرالىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، كېيىن كەينىگە چېكىندى.
1979-يىلى ئىران ئىنقىلابى يۈز بېرىپ بارلىق يادرو كېلىشىمى بىكار قىلىندى.
1995-يىلى ئىران يادرو ھەمكارلىقى ئۈچۈن روسىيەگە يۈزلەندى. يىنىك سۇ رېئاكتورى ئۈچۈن بىردەكلىك ھاسىل بولدى.
1996-يىلى ئامېرىكا، يادرو قۇرال كويىدا يۈرىۋاتقان ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.
2002-يىلى روسىيە بىلەن يادرو ھەمكارلىقى كۈچەيتىلدى.
2003-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆزەتكۈچى خادىملىرى تېھراندىكى تەكشۈرۈشتە قۇيۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسى بايقىدى.
2004-يىلى ئىران، ئۆزىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.
2005-يىلى خەلقئارانىڭ جازالاش تەھدىتىگە قارىماستىن يادرو پروگراممىسى تېزلىتىلدى. ئېغىر سۇ رېئاكتورى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2006-يىلى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازالىشى باشلاندى.
2010-يىلى ب د ت كۆزەتكۈچىلىرى، ئىراننىڭ يادرو ئوق بېشىنى ياساشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرگە ئېرىشتى. 7-مايدا ئىران، تۈركىيە ۋە بىرازىلىيە ئارىسىدا يادرو مەسىلىسىدە زور دائىرىدە چارە تېپىلدى. ئەمما غەرب ئەللىرى كېلىشىمنى قۇبۇل قىلمىدى. 9-ئىيۇندا ب د ت نىڭ ئىرانغا ئالاقىدار يېڭى جازالىرى يۈرگۈزۈلدى.
2011-يىلى 8-ئىيۇندا ئىران ۋە PS+1 ئارىسىدىكى ئىستانبۇل مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىز قالدى. ئىرانلىق يادرو مۇتەخەسسى-ئالىملىرىغا سۇيقەسىت يۈز بەردى. 8-نويابىردا ب د ت دائىرلىرى، ئىراننىڭ يۇشۇرۇن ئۇران قۇيۇلدۇرۇش پىلانى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى
2012-يىلى 24-مايدا ئىران بىلەن 5+1 ئارىسىدا باغداد مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىز قالدى. 1-ئىيۇلدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 30-ئاۋغۇست ب د ت ئىراننىڭ يادرو قۇرالىنى سىناق قىلغانلىقىنى ۋە يۇشۇرۇن يادرو ياساش ئورۇنلىرى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-يىلى 7-يانۋاردا ئىمبارگو سەۋەبى بىلەن ئىراننىڭ نىفىت كىرىمى يۈزدە 40% ئازايدى. 14-مارتتا ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قۇرال ياساش مۇساپىسىگە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 27-سىنتەبىردە ئامېرىكا ۋە ئىران ئارىسىدا 1979 دىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىۋاستە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى. 14-ئۆكتەبىردە ئىران بىلەن 5+1 ئارىسىدا ئۇچرىشىش باشلاندى. 24-نويابىردا ئىران يادرو پائالىيەتلىرىنى 6 ئاي توختىتىدىغان ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىمزالىدى.
2014-يىلى 18-ئىيۇلدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ۋاقتى 4 ئاي ئۇزارتىلدى. 24-نويابىردا ۋاقىتلىق كېلىشىم 7 ئاي ئۇزارتىلدى. 31-،مارتقا قەدەر سىياسى مۇساپە كېلىشىمى، ۋە 1-ئىيۇلغا قەدەر ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كېلىشىم تۈزۈش نىشان قىلىندى. 31-مارتتا سىياسى مۇساپە كېلىشىمى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشتى، ئۇچرىشىشلار داۋاملاشتى
2015-يىلى 2-ئاپرېلدا ئىران ۋە 5+1 دۆلەتلىرى مۇزاكىرىلەردە ئاچقۇچلۇق نوقتىلاردا يارىشىش ھاسىل قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىمنىڭ لايىھەسىنى يېزىش ۋە 30-ئىيۇندا ھەل قىلغۇچ لايىھە تېكىستىنى ئىمزالاشنى قارار قىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved