زىنبابۇۋىي زۇڭتۇڭىنىڭ 90 ياشقا كىرگەن مەۋلۇت كۈنىگە 1.2 توننا ئېغىرلىقتىكى «شىر پادىشا تەختى» سوۋغا قىلىندى

 


            جۇڭگۇ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرى. روسىيە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گىزىتى»تور پونكىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا زىنبا بۇۋىينىڭ زۇڭتۇڭى مۇجىياۋىي 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 90 ياشلىق مەۋلۇت كۈنىنى كۈتىۋالغان، زىنبابۇۋىي باش ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنتىدىكى خادىملار 2-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇجىياۋىي ئۈچۈن كىچىك تىپتىكى تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، ئۇنىڭغا ئېغىرلىقى 1.2 توننا كىلىدىغان «شىر پادىشا تەختى»نى سوۋغا قىلغان.
            ئىگەللىنىشچە، مۇجىياۋىي ئۆتكەن ھەپتە سىنگاپورغا سول كۆزىگە چۈشكەن ئاقنى ئالدۇرۇش ئوپىراتىسىيسى قىلدۇرغىلى كەتكەن بولۇپ، تۇغۇلغان كۈنىدە زىنبابۇۋىيدە ئەمەسكەن، شۇڭا زوڭتۇك مەھكىمىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىنى بىر كۈن كىچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
            شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ «شىر پادىشا تەختى»نىڭ ئېغىرلىقى 1.2 توننا كىلىدىغان بولۇپ، زىنبابۇۋىيدىكى ئۈچ نەپەر داڭلىق ھەيكەلتاراش ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەن ئىكەن. تەختنىڭ ئۇسلۇبى غەرپنىڭ خان ئوردىلىرىدىكى تەختلەرگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، تاش ئاساسى ماتىرىيال قىلىنىپ، ئالتۇن يالىتىلغان، ھەمدە ئالماس ىاتارلىق جاۋاھىراتلار ئورنىتىلغان. باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، تەختنىڭ ئارقا يۆلەنچۈكىگە تىمساھ تىرىسى ۋە قاپلان تىرىسى پۈتۈن پېتى ئىشلىتىلگەن، تەختنىڭ قول تايانغۇسىغا يىرتقۇچ ھايۋان پەنجسىنىڭ شەكلى ئۇيۇلغان.
             زىنبابۇۋىي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى شىۋاندا مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ سەنئەتكار بۇ ئالاھىدە سوۋغىنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇزلىرىنىڭ زۇڭتۇڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. سىنبانىڭ ھەيۋىسى ناملىق بۇ «شىر پادىشا تەختى» شۇ جايدىكى شونا تىلىدا شىر، ئۆي ۋە تاشتىن ئىبارەت ئۈچ خەتنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، زىنبابۇۋىيچە تەلەپپۇزغا ئىنايىن يېقىن.
             مۇجىياۋىي ئۆزىنىڭ 90 ياشقا توشقان كاتتا تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىدا مۇنداق دىدى: گەرچە 90 ياشقا كىرگەن بولساممۇ لىكىن تۇيغۇم ياخشى، روھىم خۇددى 9 ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك ئۇرغۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ دەل بۇ شىر پادىشا تەختىدىن چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ نۇرلارغا ماسلىشىۋاتقاندەكلا.
              1924-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان مۇجىياۋىي بولسا ئافىرىقا مىللى مۇستەقىللىق قەھرىمانى، زىنبابۇۋىينىڭ «دۆلەت قۇرغۇچىسى». شۇنداقلا ھەم ئافىرىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن رەھبەر. مۇجىياۋىي 1980-يىلى زىنبابۇۋىي مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ ئۇدا 34 يىل ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتقان، ئۇ بۇلتۇرقى زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمىدا يەنە بىر قېتىم يۇقۇرى ئۈستۈنلۈك بىلەن كونا رىقابەتىچىسى، ئىلگىركى زۇڭلى سىۋانكىراينى يېڭىپ قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. مۇجىياۋىينىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ ئۇ يەنىلا پىنسىيگە چىقىشنى ئويلاپ باقماپتۇ.



خەتكۈچلەر:
02-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-05-2016
    خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitchنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئىپادىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا قازاقىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە %15.7 كە يەتكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پ...
09-05-2016
    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە جولان ئېگىزلىكىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، دېگەن باياناتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، جولان ئېگىزلىكىنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىد...
09-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى لېئوناردو دىكاپرونىڭ Instagramدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىراندىكى ئۇرمىيە كۆلىنىڭ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئىران غەربىي ئەزەربەيجان...
09-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ جايدىكى ئامما يىغىلىپ قىسقارتىش قانۇن لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئانىلار بايرىمى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ كۈندە ۋىدىيو ئارقىلىق ئانىسى ۋە ئايالى مىچىلغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.     ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تەبرىك سۆزى قىلغاندا، بارلىق ئان...
09-05-2016
    ھىندسىتاننىڭ مانىپۇر شىتاتىدىكى ئانىلار بازىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئايال سېتىقچىلار مەركىزىگە ئايلانغان.     ئانىلار بازىرى شۇ جايدىكى سېتىقچىلار مەركىزى ۋە سودا مەركىزى بولۇپ، ھىندىستانلىقلار بۇ ...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئامېرىكىدىكى داڭلىق نېگىرلار ئۇنىۋېرسىتېتى خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشت...
09-05-2016
     ھازىرقى ئەھۋالدا ھىلارى ئۇتۇپ چىقىدۇ     ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى رەقىبى كىرۇز ۋە كاسىچ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، يەر-مۈلۈك ماگناتى ترامپ 2016 - يىللىق ئامېرىكا جۇمھۇ...
09-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جۇدېر مۇنداق دېگەن: مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 1500 كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچ...
09-05-2016
 ماتېرىيال سۈرەت : رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىجتىمائىي جامائەت فوندى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق...
Powered by Leglek