بۇلتۇر ھەر 3.5 كۈندە يارىتىلغان بايلىق 1955 – يىلى پۈتۈن بىر يىلدا يارىتىلغان بايلىققا توغرا كەلدى
1955 – يىلى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان.
1978 – يىلى 3 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
1985 – يىلى 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.
1997 – يىلى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
2004 – يىلى 200 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
2009 – يىلى 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
2014 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ GDP سى 926 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1955 – يىلىدىكىسىدىن 118 ھەسسە ئاشقان.
تويا خەۋەر قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭشەن مۇنداق دېدى: ‹‹1955 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) سى ئاران 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىدى، 2014 – يىلىغا كەلگەندە 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 2014 – يىلى پۈتكۈل ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر 3.5 كۈندە يارىتىلغان بايلىق 1955 – يىلى پۈتۈن بىر يىلدا يارىتىلغان بايلىققا توغرا كەلدى››.
رايون ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDPسى 60 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ تېز زورىيىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تارىخىي ھالقىشنى دەلىللىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە GDP ئاران 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىكەن، 1978 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىمۇ ئاران 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان. كېيىنكى 30 نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. 1985 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDP سى تۇنجى قېتىم 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، 12 يىل ئۆتۈپ 1997 – يىلىغا كەلگەندە 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. يەنە يەتتە يىل ئۆتۈپ، 2004 – يىلى 200 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ ماڭغان، 2009 – يىلىغا كەلگەندە 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بولۇپمۇ، 2010 – يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ GDPسى ھەر يىلى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ ماڭغان، دەسلەپكى ھېساباتتىن قارىغاندا، 2014 – يىلى 926 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDPسى 1955 – يىلىدىكىدىن 118 ھەسسە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %8.4كە يەتكەن. ۋاڭ جۇڭشەن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە تەرىپلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون GDP سىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %11.1كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى چىقتى. GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە 2010 – يىلىدىكى 29 – ئورۇندىن 2014 – يىلى 4 – ئورۇنغا ئۆتۈپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.
ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تېز ئاشۇرۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ كەسىپنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردى. بىرىنچى كەسىپ ئەنئەنىۋى ئۇششاق دېھقانچىلىقتىن پەيدىنپەي زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. 1955 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرىنچى كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممىتى ئاران 669 مىليون يۈەن بولغان، 2014 – يىلىغا كەلگەندە 153 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 1955 – يىلىدىكىدىن 26.4 ھەسسە ئاشقان.
ئىككىنچى كەسىپ بىر قەدەر قالاق يىرىك ئىگىلىكتىن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدا زور بۆسۈش بولغان. 2014 – يىلى، ئىككىنچى كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 1955 – يىلىدىكى 322 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 392 مىليارد 782 مىليون يۈەنگە يەتكەن. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 235.7 ھەسسە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %9.7كە يەتكەن.
ئۈچىنچى كەسىپ دەسلەپكى ئاجىز ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان، تەمىنلەش ئىقتىدارى پەيدىنپەي كۈچىيىۋاتقان كەسىپكە ئايلانغان. 2014 – يىلى، ئۈچىنچى كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممەت 1955 – يىلىدىكى 240 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 379 مىليارد 768 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 197.2 ھەسسە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %9.4كە يەتكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved