ئەقلىيفون ئومۇملاشمىغان دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان بىزگە تونۇشلۇق بولغان مۈشۈكئېيىق، بوداۋ، شىياشىن قاتارلىق دۆلەت ئىچى يانفون ماركىلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئەمما ئەقلىيفون دەۋرىدە بۇ ماركىلار ئاستا-ئاستا بىزدىن ئايرىلدى. جۇڭگو يانفون بىرلەشمىسى كاتىپىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئاشكارىلىشىچە، شىياشىن يانفون زاۋۇتىمۇ ئاللىقاچان تاقىلىپ قالغان. مىكرو بىلوگدا باشقا كونكرېت ئۇچۇرلار ئاشكارىلانمىغان.
شىياشىن يانفون زاۋۇتىنىڭ ئاساسى شىياۋشىن ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بولۇپ، 1981-يىلى قۇرۇلغان، 1997-يىلى شاڭخەي ئاكسىيە بېرژاسىدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان، شۇ چاغدىكى پاي چېكى ۋاكالەت نومۇرى 600057 بولغان. 2002- يىلىغا كەلگەندە يالغۇز يانفون كەسپىدىنلا 800 مىليون يۈەنلىك كىرىم قىلىشتەك شانلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. 2005-يىلى تازا گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن. بىراق 2009-يىلىغا كەلگەندە ئۇدا 3 يىل زىيان تارتقان، شۇ يىلى يەنە شىياشىن تېخنىكا شىركىتى قىلىپ قۇرۇلۇپ، داۋاملىق يانفون كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.
2014-يىلىغا كەلگەندە داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان، ئەلۋەتتە شىياشىن يانفون زاۋۇتىنىڭ تاقىلىشى دۆلىتىمىزدىكى تاقالغان تۇنجى يانفون زاۋۇتى ئەمەس شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. كەسىپلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە جۇڭگودىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلما ئۆزگەرتىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەنئەنىۋى شىركەتلەرمۇ يېڭى گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved