16 - دېكابىر سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، لىققىدە نەشپۈت، ئاپېلسىن، سامساق بېسىلغان «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈش» بەلگىسى چاپلانغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلىرى بىرنەچچە مىنۇتتىلا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، قىرغىزىستانغا قاراپ يولغا چىقتى. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئەركەشتام پورتى ۋە تۇرغات پورتىدا بىرلا ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش «يېشىل كارىدورى» ئاچتى. بۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندىن باشقا، يەنە 3 - قوشنا دۆلەت بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل كارىدورى» ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا جۇڭگو شىنجاڭ ئىلگىرى قازاقىستانغا ئېچىۋەتكەن باقتۇ پورتى، تاجىكىستانغا ئېچىۋەتكەن قاراسۇ پورتىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزىدىغان ئىككى «يېشىل كارىدور»نى قوشقاندا، شىنجاڭ ئاچقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل كارىدورى» جەمئىي تۆتكە يەتتى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باشلىقى سۈن جىجيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان «يېشىل كارىدور» ئارقىلىق، تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن يېزا ئىگىلىك ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 63كە، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 35كە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو - قىرغىزىستان سودىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق تەڭشىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا كېلىشىمى بويىچە، چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا «يېشىل كارىدور» بەلگىسى چاپلانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تاموژنىلىرى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئالدىن بېجىرىپ، ئۇلارنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جۇڭگو شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ ئوبلاستىدا ئەركەشتام ۋە تۇرغاتتىن ئىبارەت دۆلەت 1 - دەرىجىلىك پورتتىن ئىككىسى ھەم قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەۋەسىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئەركەشتام رايونىدىن ئىبارەت 10 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سانائەت رايونى بولۇپ، «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە.
2015 - يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 92 مىڭ 100 موغا، يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەشكەن تەشكىلاتلار 1220 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئاشلىق، پاختا ۋە ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش، مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىسكىلاتتا يېڭى پېتى ساقلاش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە خۇرۇم بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، ئەسلىھەلىك باغ - ئورمانچىلىق، گۈل - گىياھ، قوغۇن - تاۋۇزنى ئاساس قىلغان، بىر تۇتاش كۆلەملەشكەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىن ئالتىسى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 9860 موغا يەتتى. 2015 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئومۇمىي مەھسۇلاتى 30 مىڭ توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 88 مىليون 430 مىڭ يۈەنگە، ئومۇمىي ساپ كىرىمى 53 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە، مو بېشى ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىككى پورتتا بىرلا ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزىدىغان «يېشىل كارىدور» ئېچىشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكسپورتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پورتتا تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، زىيانغا ئۇچراپ خوراپ كېتىشىنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved