جوڭگۇ خەۋەر تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى بىمارلىرىغا ئىئانە توپلاش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن "مۇز چىلەك رېقابىتى" نۆۋەتتە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن قىززىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا مۇز سۈيى تۆكۈپ، ئۆز ئارا جەڭ ئىلان قىلغان سىنلىرىنى تورغا يوللاپ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مۇز سۈيىنىڭ تەننى جۇغىلىدىتىغان تۇيغۇلىرىغا شاھىد بولۇشتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئامرىكىدا بىر قاچقۇن مۇز چىلەك رېقابىتىگە قاتنىشىپ قىلىپ، بېشىغا مۇز سۈيى تۆككەن كۆرۈنۈشنى تورغا يوللىغاندىن كېيىن شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. رەسىمدە قاچقۇن موررىس:
20 ياشلىق ئامرىكىلىق ئەر موررىس كىپىللىككە قويۇپ بېرىش شەرتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، نىبراسكا شىتاتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. بۇ قېتىم ئۇ مۇز سۈيىنى بېشىغا تۆكۈپ، مۇز چىلەك رىقابىتىدە جەڭ ئىلان قىلغان سىن ھۆججىتىنى Facebook قا يوللىغاندىن كېيىن 22 چىسلا قولغا ئېلىنغان.
شۇ يەرلىك ساقچى ئەمەلدارى تومپىسۇننىڭ ئىيتىشىچە، بىر تورداش مولىسنىڭ يوللىغان مۇز چىلەك رىقابىتىگە ئائىت سىن ھۆججىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆرۈنۈشتىكى ئۆي ۋە قۇرۇلۇشلارنى تونۇپ قىلىپ، ساقچىلارغا ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى تەمىنلەپ بەرگەن. ئىككى نەپەر ساقچى دەرھال ئاتلىنىپ، شۇھامان مولىسنى ئوڭۇشلۇق قولغا ئالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved