msnساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئۆپكە ياللۇغى ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئۆپكە قىسىمنىڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشى. بۇ كېسەلىكلەرگە بالىلار، ياشانغانلار ۋە بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر ئاسان گىرىپتار بۇلىدۇ.ئۆپكە ياللۇغى ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى بوشلىقى ۋە ئارىلىق توقۇلمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆتكۈر ئۆپكە ماھىيەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ كېسەللىك ئۆزگۈرىشى بولۇپ،كۆپۈنچە ۋىرۇس، مىكروپىلازما، رىككېتسىيە، مىكروپ، زەمبۇرۇغ قاتارلىقلاردىن يۇقۇملىنىدۇ.
ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر: ئىسىقلىق ۋە ئاقسىل مىقدارى يۇقۇرى يېمەك- ئىچمەكلەر: كالا سۈتى، تۇخۇملار، قارا گۆش، ھەر خىل پۇچاقلار. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەر: تۇرۇپ، بەسەي، مايلىق بەسەي، پەمىدۇر، ئالما قاتارلىقلار.سۇنى كۆپ ئىچىش: ھەر كۈنى 2000مىللى ئەتراپىدا قايناق سۇ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنى سۇيۇلدۇرۇپ، چىقىرلىشىنى ئاسانلاشتۇردۇ.
ياقمايدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر:يىلان گۆشىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولغاچقا، ھۆللۈكىنى قۇۋۋتلەپ بەلغەم پەيدا قىلدۇ، ئىسىقلىقنى ئاشۇرۇپ ئۆپكە ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.ئاپلىسىننىڭ تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بۇلۇپ، تەبىئىتى سوغوق. تاتلىقى خىلىت ھاسىلى قىلسا، چۈچۈمىلى خىلىتلارنى قورۇيدۇ، ئىككىلىسلا بەلغەم پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا كۆپ ئىستىمال قىىشقا بولمايدۇ. ئۆپكە ھارارىتى ئۆرلەشكە تەۋەبولغان نەپەسىلىنىش سېستىمىسى كېسەللىكلىردەگىلاس يىسە ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇڭا پەرھىز تۇتۇش لازىم. قارمۇچنىىڭ تەمى ئاچچىق بۇلۇپ، يەل تارقىتىدۇ، ئىسىقلىقنى ئاشۇردۇ، ئۆپكە ھارارىتى ئۆرلەشتىن بولغان كىسەللەر ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ھاراق، تاماكا، پىياز، كۈدە، سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
. بوۋاقلار ۋە بالىلاردىكى پاتوگېنلار ئاساسلىقى ۋىرۇس بولۇپ، بىرىكمە ھۈجەيرىلىك تەنچە ۋىرۇس، بەز ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،چوڭلار ئاساسەن باكتىرەيەدىن يۇقۇملىنىدۇ.يۇقۇش مەنبەسى: كېسەل كىشىلەر يۇقۇش مەنبەسى.تارقىلىش يوللىرى: نەپەس يولى چاچراندىلىرىدىن تارقىلىدۇ، بىۋاستە ئۇچرىشىشدىنمۇ يۇقىدۇ.يۇقىدىغان كىشىلەر: كېسەلگە قارشى كۈچى ئاجىزلار ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار (ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك- قان تومۇر كېسىلى، جىگەر كېسىلى، دىئابېت، بۆرەك كېسىلى، تال ئېلىنىپ كەتكەن ياكى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلار)، ھەمدە ياشانغانلار.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: شەخسىي تازىلىقى ۋە موھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئۆينى پاكىز تۇتۇش، ھاۋاسىنى يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار يۇقۇملىنىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاممىۋىي سورۇنلارغا بارماسلىق لازىم. ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار ۋە كېسەلگە قارشى كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر، دىئابېت، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، تېلى ئېلىنىپ كەتكەنلەر ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزسا بولىدۇ. كېسەللىكتىن ساقىيىۋاتقانلار ئامال بار يامغۇردا قالماسلىقى، سوغۇق ئۆتكۈزىۋالماسلىقى، ھاراق ئىچمەسلىكى لازىم.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋىلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved