نۇرغۇن كېسەل ئەمەلىيەتتە تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن، تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تېنىدىكى قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى دىۋارى ئادەتتە ساغلام كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا سىلىق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى چوڭ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ دېفورماتسىيە (شەكىل ئۆزگەرتىش) ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا، ئاسانلا قان تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشى ۋە توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قەنت كېسىلى بارلار ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەكسە، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ، ئاسان تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇر ئىچكى دىۋارىغا يېپىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ كىچىك قان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىپ، بەدەندىكى ھەر قايسى توقۇلمىلارغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
ئەگەر مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، مېڭە سەكتىسى، مېڭە پالەچلىنىش، مېڭە يىگىلەش، مېڭىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، مېڭە تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئەگەر يۈرەك – مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ يىگىلەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر قەنت كېسىلى بىمارلىرى ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەكسە، ئاقسىل سېيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەر توپىغا قارىغاندا .5 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ھەم بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى نىكوتىن، كاربون چالا ئوكسىدى قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار قان تومۇرلارغا بىۋاسىتە زىيان سېلىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۇيۇشۇۋېلىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاندا ماي پەيدا بولۇش، قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم بۇ خىل كېسەللەر ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش خەۋپىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدىكەن.
قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تاماكا چېكىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈش بىلەن باراۋەر. چۈنكى قەنت كېسىلى بارلارنىڭ بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئەسلىدىلا ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ھەم يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئاسانلىقچە كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.
![]() |
تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
|
![]() |
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ.
2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ.
3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ.
5. ئانتىبىيوتىك دور...
|
![]() |
بەلنىڭ چىم بولۇشى تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشتىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
بەل چىم بولۇپ ئاغرىغاندا، مۇۋ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved