ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن بولغان خىزمەتچىلەر قانداق روزغارچىلىق قىلىشى كېرەك؟

ياڭ يۇڭ

 


ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە خىزمەتكە قاتنىشىشنى ئويلايتتىم، شۇڭا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ تۈرلۈك پىراكتىكىغا ئاكتىپ ماسلاشتىم. 2013 – يىلى يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ، چەت ئەل شىرىكچىلىكىدىكى كارخانىدىن خىزمەت تاپتىم.


خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، مەكتەپتە ئويلىغانلىرىمغا قىلچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن بولۇپ، ئۆي ئىجارىسىگە 1500 يۈەن، سۇ، توك پۇلىغا 200 يۈەن، يېمەك – ئىچمەككە 1200 يۈەن سەرپ قىلاتتىم، ئەگەر ئازراقلا پەخەس بولمىسام، ئاينى ئۆتكۈزەلمەيتتىم.


ئىككى ئاي بۇرنۇمنى تىرەپ دېگۈدەك كۈن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كۈنلىرىمنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا روزغارچىلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. بىرىنچى قەدەمدە تۇرمۇش پىلانى تۈزدۈم.يەنى زۆرۈر ئايلىق چىقىمىمنى 150 يۈەن، تاماق چىقىمىمنى 800 يۈەن ئەتراپىدا تىزگىنلەشكە تىرىشتىم، كەچلىك تامىقىمنى ئۆزۈم ئەتتىم، زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالمىدىم. ھازىر، ئايلىق چىقىمىم 2800 يۈەن بولۇپ، ئايدا 1200 يۈەن ئېشىنالايدىغان بولدۇم.


تۆۋەندە ئېشىنچا پۇلۇمدىن پايدىلىنىپ قانداق روزغارچىلىق قىلغانلىقىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


قەرەللىك ئامانەت قويۇشتىن ۋاز كېچىپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلدىم. 2013 – يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شۇڭا، مەنمۇ ئېشىنچا پۇلۇمنى قەرەللىك ئامانەت قويۇپ روزغارچىلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلىش يولىنى تاللىدىم. 8 – ئايدىن باشلاپ قولۇمدىكى ئېشىنچا پۇلنى قالدۇق سومما قۇتىسىغا سېلىشقا باشلىدىم، قالدۇق سومما قۇتىسى ھەم قەرەللىك ئامانەت قويۇشتەك جانلىقلىققا ھەم پۇل فوندىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە ئىدى، بۇ، ماڭا ئوخشاش يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان مائاشلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. كېيىن، ئۈندىدار روزغارچىلىقى بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ پايدىسىنىڭ قالدۇق سومما قۇتىسىدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۈندىدار روزغارچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندىم.
پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سالدىم. پۇلۇم كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن روزغارچىلىق ئۇسۇلۇم يالغۇز پۇل فوندى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سالدىم. پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشتا، رەت تەرتىپى 100 نىڭ ئالدىدا بولغان، كۆلىمى 1 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن، ساپ پايدا ئېلىش نىسبىتى يۇقىرىراق، پاي كۆرسەتكۈچى 300 نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ئاندىن مەبلەغ سالدىم.


مېنىڭچە، فوند كۆلىمى قانچىكى چوڭ بولسا، پاي تەقسىملەش قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ پاينى تالىشىپ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، پايدىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مەن ئادەتتە ئايدا 200 يۈەندىن جەمئىي بەش ئاي مەبلەغ سالىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقىمۇ مەبلەغ سالدىم. سېتىۋالغان فوند ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، يەنە كېلىپ ۋاقتى ئانچە ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن ئالىدىغان پايدام %5 تىن تۆۋەن بولمىدى.


ماڭا ئوخشاش يېڭىلا خىزمەتكە قاتناشقان مائاشلىق دوستلارنىڭ قانداق روزغارچىلىق قىلىشى توغرىسىدا بىرقانچە تەكلىپ بېرىمەن:

 


1 . روزغارچىلىقتا قارىسىغا ئىش كۆرمەسلىك، ئاساسىي روزغارچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، پۇل فوندى ۋە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندتىن ئىبارەت ئاددىي مەشغۇلات قائىدىسىنى ئۆگىنىش.

 


2 . روزغارچىلىققا ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈش.

 


3 . كۆپرەك خەۋەر كۆرۈش، بولۇپمۇ ئاۋام تۇرمۇشى، ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش.

 


سەن زامانغا باقمىساڭ، زامان ساڭا باقمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ روزغارچىلىقتىن ئىبارەت ئۆمۈر بويى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بۇ دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىگە تەۋە ‹‹ئالتۇن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ››غا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



خەتكۈچلەر:
05-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
19-05-2016
بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 20 دوللاردىن ئارتۇق چۈشتى، بازار ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، چۈشۈش...
19-05-2016
مالىيە سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تور ئويۇنى كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، بىرىنچى پەسىللىك ساپ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشقان، 9 مىليارد 800 مىليون ساپ پايدا بىلەن مۆلچەردىكى 8 مىليا...
18-05-2016
«بىرىنچى ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇيشىن تەتقىقات مەركىزى 6-قېتىملىق دۇنيا بايلىق دوكلاتى—«2015-يىللىق بايلىق دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان، نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى ئائىلىلەرنىڭ بايلىقى ۋە كىشى بېشى ئوتتۇر...
18-05-2016
     ھىلارى تۈنۈگۈن مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا فېدېراتسىيە سايلام كومىتېتىغا تاپشۇرغان مالىيە ھۆججىتىنىئېلانقىلغانبولۇپ، بۇ ھۆججەتتەب كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 2015- يىلى نوتۇق سۆزلەپ 5 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ يىلسايلام رىقابىتىگ...
18-05-2016
    تاجىكىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىغا قەدەر، تاجىكىستاننىڭ تاشقى قەرز سوممىسى ئىككى مىليارد 187 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇلتۇرقى يىل بېشىغا قارىغاندا 5 مىليون ئ...
18-05-2016
     جېجياڭ، خۇنەن، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى 18 كارخانىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزىتىش سۆھبەت يىغىنى 10-ماي ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىغىندا تۇرپان يېڭىدىن 59 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىد...
18-05-2016
    قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ 2016-يىلى بىرىنچى پەسىللىك ئېكسپورتى %25.8 تۆۋەنلىگەن.     ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 1-ئايد...
18-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 14 – ماي سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 – پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودا سوممىسى داۋاملىق ئاشقان. مۇلازىمەت ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون 221 مىليارد 8...
18-05-2016
    رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەتلىك دوماسى 17- مارت ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە نۆۋەتتىكى ئە...
18-05-2016
جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى لوندون چوڭ ئالتۇن ئامبىرىنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى، مەقسىتى قىممەتلىك مېتاللار كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئالتۇن ئامبىرى Barclays تەرىپىدىن سېتىلىدۇ، ئالتۇن ئامبىرى مەخپىي جايغا جايلاشقان بولۇپ، 2000 توننا ئ...
Powered by Leglek