جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكدېمىكى دۇ شياڭۋەن يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك «تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يېشىل تۇرمۇش» ئاممىۋى پاراۋانلىق كۆرگەزمىسىدە مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا بىرلىك دۆلەت زېمىنىدا خورايدىغان كۆمۈر، نېفىت ۋە كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى دۇنيا ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 12 ھەسىسى، ئۈچ ھەسسىسى ۋە ئالتە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ كۆمۈر سەرپىياتى دۇنيا ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 30 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇنداق سانلىق مەلۇمات ئېلىمىزدە تۇمان بولمىسا ئاندىن ئەجەبلىنەرلىك بولىدۇ.
دۇ شياڭۋەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى كاربونلۇق ئالاھىلىكى ئىنتايىن روشەن، جەزمەن تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا ئۆزگەرتىش كېرەك.
ھازىر ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر كۆز قاراشنى تىرىشىپ ئۆزگەرتمەكتە، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سىياسەت تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز تۈزۈلۈپ ئەمەلىيلەشمەكتە. گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو تىرىلمە ئېنېرگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى شى دىڭخۇەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە شامال ئېلىكتېرى سۇ ئېلىكتېرىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى چوڭ ئېلىكتىر مەنبىيىگە ئايلاندى، قوياش ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت باتارىيە گېنېراتورلار سىغىمىمۇ توك باھاسى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلدى، بىيوئېنېرگىيە، يەر ئىسسىقلىقىمۇ تۇرمۇشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئاساس قىلغان كارخانا كوللىكتىپىمۇ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پېرسۇناژلىرىغا ئايلاندى. بىر چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىسى نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لى شياۋنەن مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى كەسىپلەرنىڭ ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى باشلامچى بولۇپ تۈزۈپ، يېشىل قىممەت قارىشىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved