رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى 16-دېكابىر مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى پۇل بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت رۇسىيە بانكىسىنىڭ پۇل ئوبوروتىنى يۇقىرىلىتىش، مەبلەغنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى رۇبلىدىن تاشقى پىرېۋوتقا قارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىچكى قىسىمدىكى پۇل بازىرىنىڭ تەمىنلىشىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن تاشقى پېرېۋوت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن رۇبلىنىڭ ئوبوروت قىلىنىش بايلىقى ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوتقا بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەنلىتىدۇ. رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇشى نىسبىتى 15-دېكابىر 1999-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved