ئەنگىلىيە لۇ شىيۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافرىقا قىتئەسى دۆلىتى جىبۇتىنىڭ زۇڭلىسى ئىشمېل.ئۆمەر.گاللاق زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو تەرەپ جىبۇتدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ناھايىتى تېزلا باشلاشقا تەييارلىق كۆردى، بۇ جۇڭگونىڭ ئافرىقا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئالدىراش بولغان دېڭىز ئىشلىرى بازىسى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.
گاللاق ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە لۇ شىيۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا كىرىشنى قارار قىلدى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاشلا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپىئەتىنى قوغداش ھوقۇقى بار ». جۇڭگو تاشقى ئىشلار مېنىستىرى باياناتچىسى خوڭ لېي ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ شۇ جايدا «كاپالەت ئەسلىھەسى» تەسىس قىلىشنى كېڭىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
جىبۇتىنىڭ نوپۇسى بىر مىليونغا يەتمەيدۇ، ئافرىقىدىكى ئەڭ نامىرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى، لېكىن جىبۇتى كەلگۈسىدە 12مىليارد 400يۈز مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى جەلىپ قىلىپ ئافرىقا قىتئەسىدىكى خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە توشۇش بازىسىغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گاللاق يەنە «بىز سىنگاپوردىن ئۈلگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشچە، جىبۇتى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقى شىمال قىسمى يادىن قولتۇقى غەربى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قىزىل دېڭىز بىلەن سۇۋەيش قانىلى كىرىش ئېغىزىنى ساقلاپ تۇرىدۇ، سىتراتېگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە جىبۇتىدا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇرغان، ئىلگىرى ئافرىقا قىتئەسى ۋە باشقا رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى سۇمالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىدىغان بازا قىلىنغان.
غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىگە نىسبەتەن ، جىبۇتى تاشقى ئىشلار مېنىستىرى مەھمۇد. ئەلى .يۈسۈپ مۇنداق دېدى: « بىز بىر قىسىم غەرىبتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشۈنىمىز، يەنى جۇڭگو سىرتقى دېڭىزدا ھەربىي ئىشلار قاراۋۇللۇق بازىسى قۇرۇشى مۇمكىن ». لېكىن ئۇ يەنە : «جىبۇتىدا بۇرۇنلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بازىسى بولغان غەرپ دۆلەتلىرى بار ئىدى ، ئەنسىرەش ھاجەتسىز» دېگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved