ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جىنايەتچىلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى


نۇرلۇق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا پارلامىنتى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى شۇ يەر ۋاقتى 9-دېكابىر ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوراق جەريانىدا مەھبۇسلارغا قارىتا ئېغىر قىيىن قىستاق ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللانغانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى .دوكلاتتا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كىچىك بوش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش مەزگىلىدە قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەھبۇسلارنى خورلىغانلىق تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى.


480 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ئامېرىكا پارلامىنتى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى تېخى ئاشكارىلانمىغان 6200 بەتلىك مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتىن ئايرىپ ئالغان .دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قولغا چۈشكەن تېررورچى ۋە رادىكال تەشكىلات گۇماندارلىرىنى ئېغىر قىيىن قىستاققا ئالغان ،بۇلار ئۇخلاتماسلىق ،تار ئۆيگە قاماش ،جىسمانىي ئار نومۇسىنى دەپسەندە قىلىش ۋە سۇ جازاسى بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .دوكلاتتا ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن .

 

دوكلاتتا يەنە ئېغىر قىيىن قىستاقنى ئامېرىكىنى مۇھىم ئاخباراتقا ئىگە قىلالمىغانلىقى ،مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بولسا بۇ مەخپى تەدبىرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك سىستېما خاراكتېرلىك ھالدا ئاقساراي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە پارلامىنتى ئالداپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلدى .گەرچە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار ھازىر بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراپ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى تېخىمۇ ئېغىر قىيىن قىستاققا ئالغانلىق تەپسىلاتىنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پارلامىنىتقا مەھبۇسلارنى قوللاش دوكلاتى كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئاقساراي دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا قوللاش پوزىتسىيسىدە بولدى .


ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاتالمىش كۈچەيتىلگەن سوراق تېخنىكىسى قوللىنىپ جىنايەتچىلەرگە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ دېدى .ئوباما بۇ خىل سوراق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ،ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي مەنپەتنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغىمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .تاشقى دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بورنان ئاخباراتقا ئېرىشىش خىزمىتىدە خاتالىشىش بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى .لېكىن ئۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىشتا ئاقساراي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە پارلامىنتى ئالدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى .


ئاقساراي باياناتچىسى8-دېكابىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا تەدبىر قوللىنىپ مەھبۇسلارنى خورلاش دوكلاتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ۋە ھەر قايسى جايلاردا مۇۋاپىق ھالدا بىخەتەرلىك قوغدىنىش تەدبىرىنى يولغا قۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ يەنە ئاقساراينىڭ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ،مەھبۇسلارنى خورلاشتەك ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى .

 

شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما : ‹‹CIA نىڭ تېررورچى مەھبۇسلارنى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا مۇخالىپ ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەنپەئەتىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ ، بۇ قىلمىش دۆلەت ئوبرازىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز ›› دېگەن .

ئوباما تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا CIA نىڭ چەت ئەللەردىكى قىيناپ سوراق قىلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشىگە قوشۇلغان . كېڭەش پالاتاسى ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن ، ئۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاشكارىلاشنى قوللىغان .خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە چەت ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ دوكلاتنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ ، ھوشيارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن .

 

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان پىرىزدىتى گانى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 9-دېكابىر ئىلان قىلغان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قىيناپ سوراق قىلىش قىلمىشىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىن قىيىن-قىستاق ئىچىدە سوراق قىلىنغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.ئۇ 10-دېكابىر «ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ قىلمىشلىرى كىشىنى چۆچىتىدۇ، دۇنيادا بۇ چېكىدىن ئاشقان، يىرگىنىشلىك قىلمىشنى ئاخلايدىغان سەۋەب يوق»، دېگەن.ئافغانىستاننىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقوق قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغان، ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلغان ئىكەن.گانى:« ئافغانىستانلىق پۇقرالارمۇ قىيىن-قىستاق بىلەن سوراق قىلىشقا ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقى دەپسەندە قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ سانى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس »، دېگەن. ئۇ يەنە ئافغانىستان ھۆكىمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ۋە قانچىلىك ئافغانىستانلىق زىيانغا ئۇچرىغۇچى بارلىقىنى بىلگۈسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ« كىشىنى قايغۇرتىدىغىنى شۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى گۇناھسىز، لېكىن ئۇلار ئامېرىكىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىدى» دېگەن.گانى ئافغانىستان پۇقرالىرىغا ۋەدە بېرىپ:« 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن چەتئەل ھۆكىمىتىنىڭ ئافغانىستاندا ئادەم تۇتۇش ھوقوقى بولمايدۇ، خەلقئارا ھەربىي قىسمى شۇ كۈنى ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تۈگىتىدۇ، كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ئافغانىستاندى كېتىدۇ»، دېگەن.

ئامېرىكا ئاقساراينىڭ ئىسپاتلىشىچە،ئامېرىكا دۆلەت پارلامىنىتى كىڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان «مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ( (CIAقىيناپ سوراق قىلىش دوكلاتى» شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنغان.بۇ ئىش ئامېرىكا سىياسى ساھەسىدە كۈچلۈك غول-غۇلا قوزغاپلا قالماستىن تېخىمۇ يامان بولغىنى بۇ ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى تارماقلىرى ۋە پۇقرالىرىغا بىۋاستە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەچچە مىڭلىغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمنىڭ ئەسكەرلىرى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىگە كىردى.

ئاقساراي باياناتچىسى ئونىسىت 8-چېسلا كىڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى 9-چېسلا «مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ( (CIAقىيناپ سوراق قىلىش دوكلاتى»نى ئىلان قىلماقچى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەلدىكى مەخپى تۈرمىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا 8 يىل بولغان مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا بۇ مۇنازىرە ئىچىدىكى دوكلاتنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سالدى.ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ دېيىشىچە،بۇ دوكلات كىڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەكشۈرۈپ چىقىش ئارقىسىدا پۈتتۈرۈلگەن بۇلۇپ جەمئى 40 مىليون دوللار پۇل كەتكەن.بۇ خاتىرىلەر توپتوغرا 6000 بەتلىك بۇلۇپ،9-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن قىيناپ سوراق قىلىش ئارقىلىق تېررورىزمغا چېتىشلىق گۇمانلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاخباراتقا ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.لېكىن ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭ خەۋپ پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ 480 بەتلىك قىلىپ تۈزۈپ چىققان.گەرچە دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتتە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جىنايەتچىلەرنى قىيناش ئۇسۇللىرى بۇرۇنلا ئەل ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن.

 

2002-يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بىر پارچە قىيناش دوكلاتىنى تۈزۈپ چىققان بۇلۇپ،ئۇنىڭدا سۇ جازاسى،تىك تۇرغۇزۇپ شاپىلاق ئۇرۇش،ئايرىپ جازالاش،ئۇخلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش قاتارلىق كىشىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئۇسۇللار بايان قىلىنغان.ئۇنىڭ ئىچىدە سۇ جازاسىنىڭ ھەممىدىن بەكرەك سېسىق نامى پۈر كەتكەن بۇلۇپ،بۇنىڭدا جىنايەتچىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى باغلانغاندىن كىيىن تەتۈر ئېلىپ قۇيۇلۇپ،يۈز قىسمى لۆڭگە بىلەن تۇسۇۋېلىنىدۇ،ئاندىن كىيىن ھەر نەچچە مىنۇتتا ئۇلارنىڭ يۈزىگە سۇ چېچىلىدۇ،بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردا ناھايىتى تىزلا نەپەستىن قالىدىغاندەك ۋە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھىسيات پەيدا بولىدۇ.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK .

 

 



خەتكۈچلەر:
14-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
پىرېزىدېنت تۈزۈمى       پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچى،...
01-05-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋەردە، رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى تەھقىقلەش ئىدارىسى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: سوت مەھكىمىسى قازاندا قاقتى-سوقتى قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش جىناي...
01-05-2016
    ئامازون شىركىتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر قىزىقارلىق ھۆججەت ئېلان قىلدى، ھۆججەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئەمەلدارىنىڭ ئامازون تور بېتىدە ئامېرىكا تاۋارلىرىنى ئوغرىلىقچە سېتىۋالغانلىقى، شىركەتنىڭ ھېسابات نومۇرلىرىنى توختىتىۋ...
01-05-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە بۇرلىنگېمدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام نامزاتى ترامپ 2016-يىللىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغاندا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى پۇقرالار ت...
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
30-04-2016
    « يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
30-04-2016
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
30-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
Powered by Leglek