«غەيرەت قىلايلى! يەنە ئازراق كۈچەيلى...» 11-يانۋار سائەت 13:10دە ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولىدا سەككىز ئەر كىشى يول ئۈستىدە بۇزۇلۇپ قالغان 60-يول ئاپتوبۇسىنى ئالدىغا ئىتتىرگەنلىك كۆرۈنۈشى ئەتراپتىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى. بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈش ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا دەرۋازىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپتوبۇس يول ئۈستىدە بۇزۇلۇپ قالغانىدى. ئاپتوبۇستا گەرچە يولۇچىلار بولمىسىمۇ، بىراق، ئالدىدىكى يول دۆڭ بولغاچقا ئىتتىرىش بىر قەدەر تەسكە توختىغانىدى. ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشكىچە ئاپتوبۇسنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش ئۈچۈن بۇ بىر نەچچەيلەن بار كۈچى بىلەن قەدەممۇقەدەم ئاپتوبۇسنى ئالدىغا ئىتتىرىۋاتاتتى. ئاخىرىدا بۇزۇلۇپ قالغان ئاپتوبۇس كۆۋرۈك ئاستىدىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يولىنىڭ چېتىگە بىخەتەر ئاپىرىلدى. ئايال شوپۇر ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئۇلارغا سەمىمىي تەشەككۇرىنى بىلدۈردى.
ئاپتوبۇس ئىتتىرىشكە قاتناشقان سەككىز كىشىنىڭ يەتتىسى مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يولدىن ئۆتىۋاتقان يەنە ناتونۇش بىر كىشى ئۇلارغا ياردەملەشكەن. مۇشۇنىڭدەك جىددىي ئەھۋاللاردا ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقاندىلا ھەممىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت كىشىلەرنى قايىل قىلغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved