سامسۇڭ شىركىتى GALAXY A تۈرىدىكى يانفونلىرىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى ئاشۇرۇپ، 2016-يىللىق يېڭى نۇسخا شەكلىدە ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، GALAXY A5 يانفونىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا يۈزىگە قوش 2.5D ئەينەك قەۋىتى سەپلەنگەن، 4G تورىنى ۋە قوش كارتىنى تەڭ قوللايدۇ، سېتىلىش باھاسى 2398 يۈەن.
قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، بۇ يانفونغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080p بولغان 5.2 دىيۇملۇق Super AMOLED ئېكران، چاستوتىسى 1.5GHz گە يېتىدىغان كۇۋالكوم MSM8939 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، بەش مىليون ۋە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلەنگەن، ئاندىرويىد 5.1 قاچىلانغان، باتارىيە سىغىمى 2900 مىللىئامپىر.
تۆۋەندىكىسى 2016-يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى سامسۇڭ GALAXY A5 يانفونىنىڭ بىر يۈرۈش سۈزۈك سۈرەتلىرى:
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved