ھەممىباب ئاپتوموبىلى (General Motors Corporation) بۈگۈنكى CES يەرمەنكىسىدە پۈتۈنلەي يېڭى نۇسخىدىكى چېۋرولېت (Chevrolet، شۆفۇلەن) Bolt تىپلىق توكلۇق ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلغان. بۇ بىر تۆۋەن باھالىق ۋە يىراق ئارىلىققا ھەيدەشكە ماس كېلىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى چېۋرولېت Bolt تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ بىر قېتىم قاچىلانغان توك بىلەن ئەڭ ئۇزۇن يۈرۈش مۇساپىسى 320 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 38 مىڭ دوللار ئىكەن. 7500 دوللارلىق ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئاخىرقى باھاسى تەخمىنەن 30 مىڭ دوللارغا توختايدىكەن. بۇ ئاپتوموبىل كرېمىنىي جىلغىسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ماشىنا توسۇش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقتىن، باشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلغان.
ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاپتوموبىل قىممىتىنى باھالىغۇچى ئورۇن "Kelley Blue Book" نىڭ ئانالىزچىسى Karl Brauer بۇ ئاپتوموبىلغا مۇنداق باھا بەرگەن:
يېڭى نۇسخىدىكى چېۋرولېت Bolt بولسا ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلەنگەن تۇنجى بىر ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە توكلۇق ئاپتوموبىل. ماي باھاسى چۈشۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ يېڭى نۇسخىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىلغا بولغان پوزىتسىيەسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىممەت ۋە باھا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يېڭى نۇسخىدىكى چېۋرولېت Bolt ئاپتوموبىلى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارغا جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.
ئىگەللىنىشىچە، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى نەچچە يىل بۇرۇن قىسقا ئارىلىقتا ھەيدەشكە ماس كېلىدىغان چېۋرولېت Bolt تىپلىق توكلۇق ئاپتوموبىلنى بازارغا سالغان بولسىمۇ، ئەمما بازاردىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان. بۇ قېتىم ئۇلار بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە قايتىدىن يۈرۈش قىلماقچى بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved