ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 15-ئاۋغۇست «مەملىكەت بويىچە ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى»دا سۆز قىلغاندا ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا زىيانكەشلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بىلەن ئۇرۇشماسلىق ۋەدىنامىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ياپونىيە جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى.
ياپونىيە كومپارتىيەسى تارقاتقان «قىزىل بايراق گېزىتى»دە 16-ئاۋغۇست مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئابى شىنزو ئۇدا ئىككى يىل ئىلگىرىكى باش ۋەزىرلەر ئېنىق بىلدۈرگەن ئۇرۇشتا زىيانكەشلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇرۇشماسلىق ۋەدىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئېقىمغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
ياپونىيەنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى بېنزېر جىرو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابى شىنزونىڭ ئۇرۇشتا زىيانكەشلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى تىلغا ئالماسلىقى پادىشاھلىق دۆلەتنىڭ تارىخى كۆز قارىشى، بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئىنكار قىلىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى؛ ئۇرۇشماسلىق ۋەدىسىنى تىلغا ئالماسلىقى روشەنكى ئۇرۇشماسلىق بىلەن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ كابىنېتىنىڭ قارارى بىلەن ئۆزئارا زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved