سۈت بىلەن باناننى (باناننى سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرۈپ) قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ۋە زەھەرنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھۆسۈننى گۈزەللەشتۈرىدۇ. سۈتنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بار بولۇپ، بۇلار تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ پارقىراق قىلىدۇ. سۈتتىكى سۈت ئاقسىلىنىڭ قورۇقنى يوقۇتۇش رولى بار. سۈت بىلەن باناننى بىرلەشتۈرۈپ ئىچسە، قەۋزىيەتنى يەڭگىللىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت بىلەن قىزىل چاينى، زەنجىۋىلنى قوشۇپ ئىستېمال قىلسا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىزىل چاينىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بار بولۇپ، ئېممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ سوغۇقتىن ساقلاش رولى بار بولۇپ، قىزىل چاي بىلەن زەنجىۋىلنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك زۇكام دورىسى دېيىشكە بولىدۇ. قاينىغان سۈت بىلەن شاكىلاتنى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved