دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ئىچىدىكى خەير-ساخاۋەتچىلەر

    ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى« Facebook »نىڭ قۇرغۇچىسى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاكىربۇرگ 1-دېكابر ئايالى پۇلىسيا چېن بىلەن قولىدىكى Facebook نىڭ %99 پېيىنى (بازار قىممىتى 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  گې پېروۋسكىيە شىركىتى-ئامېرىكىدىكى لىمىتلىق ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى. بۇ كارخانىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى نىكولاس ۋودمان ۋە جىر ۋودمان بۇلتۇر 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى خەير-ساخاۋەت ئورگىنى (SVCF) گە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  

WhatsApp شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ژان كۇمۇ SVCF گە بەش يۈز مىليون دوللار ئىئانە قىلدى.  

«Facebook» شىركىتىنىڭ سابىق يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىسى، ئامېرىكا مۇزىكا تور بىكىتى Napste نىڭ قۇرغۇچىسى شىئېن پاك ئۆزى قۇرغان فوند جەمئىيىتىگە 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى. 

 گوگىل شىركىتىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى سېرگىي بۇلىن بۇلتۇر ئۆزىنىڭ ئائىلە خەير-ساخاۋەت فوندى ئۈچۈن 383 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن. 

 گوگىل شىركىتىنىڭ يەنە بىر ئورتاق قۇرغۇچىسى لاررى پېيچى بۇلتۇر ئۆزىنىڭ گۇگىلدىكى قىممىتى 177 مىليون ئامېرىكا دوللارلىق پىيىنى ئۇنىڭ دادىسى كارل ۋىكتور پېيچىنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان فوندىغا ئىئانە قىلىپ مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.  

روسىيەلىك باي، داڭلىق كارخانىچى ئۇرېي مىلنا «ئىلىم-پەندە بۆسۈش ھاسىل قىلىش» مۇكاپاتىنى قۇرۇپ ھەر يىلى شۇ ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالىملارنى مۇكاپاتلىغان. ھەر بىر مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ئۈچ مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، مىلنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، سىمسىز رادىئو ۋە يورۇقلۇق سىگنالى ئىزدەش ئارقىلىق ئەقلىي ھاياتلىق ئىزدەش ھەققىدە ئىزدەنگەن.  

مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گايتىس ئايالى مېي لىندا بىلەن قۇرغان بىل بىلەن مېي لىندا گايتس فوندىسىغا 30 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.  

2009–يىلى، «پاي چېكى شاھى» باففىت ۋە گايتس ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم يىغىلىپ، روكفەيلەر جەمەتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى داۋىد روكفەيلەر، نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكول بۇلۇنبېرىگ، قارا تاش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى پېتىر پېتېرسېن قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ قانداق قىلغاندا خەير-ساخاۋەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن تېمىدا ئىزدەنگەن. 

 گەرچە باففىت ۋە گايتسنى دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك خەير-ساخاۋەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە مۇھتاج . مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، «ھەدىيە قەسىمى» تۈرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ 2010-يىلى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر چوڭ ئىشقا ئايلاندى.  

ئامېرىكا«خەير-ساخاۋەت خاتىرىلىرى » ھەپتىلىك ژۇرنىلى 2014-يىللىق خەۋىرىدە، «Facebook» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك ئەر-خوتۇن 2013 - يىلى SVCF فوندى جەمئىيىتى فوندىغا قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن پاي چېكىنى ئىئانە قىلغان، ئۇلار ئامېرىكا خەير-ساخاۋەت تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

گې پېروۋسكىيە شىركىتى- ئامېرىكىدىكى لىمىتلىق ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى. بۇ كارخانىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى نىكولاس ۋودمان ۋە جىر ۋودمان بۇلتۇر 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى خەير- ساخاۋەت ئورگىنى (SVCF) گە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

WhatsApp شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ژان كۇمۇ SVCF گە بەش يۈز مىليون دوللار ئىئانە قىلدى.

«Facebook» شىركىتىنىڭ سابىق يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىسى، ئامېرىكا مۇزىكا تور بىكىتى Napste نىڭ قۇرغۇچىسى شىئېن پاك ئۆزى قۇرغان فوند جەمئىيىتىگە 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.

گوگىل شىركىتىنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى سېرگىي بۇلىن بۇلتۇر ئۆزىنىڭ ئائىلە خەير-ساخاۋەت فوندى ئۈچۈن 383 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن.

گوگىل شىركىتىنىڭ يەنە بىر ئورتاق قۇرغۇچىسى لاررى پېيچى بۇلتۇر ئۆزىنىڭ گۇگىلدىكى قىممىتى 177مىليون ئامېرىكا دوللارلىق پىيىنى ئۇنىڭ دادىسى كارل ۋىكتور پېيچىنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان فوندىغا ئىئانە قىلىپ مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

 روسىيەلىك باي، داڭلىق كارخانىچى ئۇرېي مىلنا «ئىلىم-پەندە بۆسۈش ھاسىل قىلىش» مۇكاپاتىنى قۇرۇپ ھەر يىلى شۇ ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالىملارنى مۇكاپاتلىغان. ھەر بىر مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 3 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، مىلنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، سىمسىز رادىئو ۋە يورۇقلۇق سىگنالى ئىزدەش ئارقىلىق ئەقلىي ھاياتلىق ئىزدەش ھەققىدە ئىزدەنگەن.

مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گايتىس ئايالى مېي لىندا بىلەن قۇرغان بىل بىلەن مېي لىندا گايتس فوندىسىغا 30مىليارد 700مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.

گەرچە باففىت ۋە گايتسنى دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك خەير-ساخاۋەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، «ھەدىيە قەسىمى» تۈرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ 2010-يىلى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر چوڭ ئىشقا ئايلاندى.  

ئامېرىكا «خەير-ساخاۋەت خاتىرىلىرى» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 2014 - يىللىق خەۋىرىدە، «Facebook» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك ئەر-خوتۇن 2013 - يىلى SVCF فوندى جەمئىيىتى فوندىغا قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن پاي چېكىنى ئىئانە قىلغان، ئۇلار ئامېرىكا خەير - ساخاۋەت تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.



خەتكۈچلەر:
10-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
25-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 24-ماي، دۇنيا بوكس پادىشاھى تايسىن IBF جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭنىڭ خۇەيرۇ تەۋەسىدىكى مۇتيەنيۇ سەددىچىن سېپىلىدا نامايان بولدى. بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن مايكىل تايسىننىڭ ساقاللىر...
Powered by Leglek