ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ۋىزا سىياسىتىنى چىڭىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش پىلانى»غا كىرگۈزگەن 38دۆلەتتىكى قىسمەن كىشىلەر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلار نارازى بولۇشتى ھەمدە بۇ سىياسەتكە قارشى تۇردى.
ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى قانۇن لايىھىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش پىلانىغا كىرگۈزگەن 38 دۆلەتتىكى كىشىلەر يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان «خەتەرلىك رايون» دەپ قارالغان ئىراق، سۈرىيە، ئىران ۋە سۇدانغا بارغان بولسا ياكى قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكىلەر بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئارىسىدىكى بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولسا، ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ۋىزا بېجىرىدىكەن، بۇ 38 دۆلەت ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ تەدبىر خىزمەت ۋە تۇغقان يوقلاش سەۋەب بىلەن ئامېرىكىغا كۆپ بېرىپ-كېلىدىغان چەتئەللىكلەرگە كۆپ قولايسىزلىقلارنى پەيدا قىلغان. بۇ تەدبىر يەنە ياۋروپادىكى ئەمەلدارلارنى رەنجىتكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر دىپلومات مۇنداق دېگەن: تېررورچىلارنىڭ پاسپورتىغا سۈرىيەنىڭلا تامغىسى بېسىلمايدۇ، بۇ تەدبىر چېگرىدىن قانۇنسىز كىرىپ چىققۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلارغا قارىتىلغاندەك قىلىدۇ.
ئەنگلىيە رادىئو گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى داۋىد ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتلىرى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىزا سىياسىتىنى چىڭىتىش تەدبىرگە ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. داۋىد «جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى سىياسەت نۇرغۇن ياۋرۇپالىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى چەكتىن ئېشىپ كەتتى.
ئامېرىكىدىكى ئىرانلىق مۇھاجىرلار ئامېرىكىنىڭ ئىراننى «خەتەرلىك رايون» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن، ئىرانلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار مەملىكەتلىك كېڭىشى مۇنداق دېدى: كالىفورنىيە شتاتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارقا كۆرۈنۈشى بولسىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت «خەتەرلىك رايون» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەپتۇ، يېڭى سىياسەت بويىچە قوش دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغانلار «2-دەرىجىلىك پۇقرا» قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچرىشى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىنىپ قىسقىغىنە ئۈچ كۈندە 70 مىڭ ئادەم نارازى بولغان.
ئىران دائىرلىرىمۇ بۇ سىياسەتتىن نارازى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ۋىزا سىياسىتىنى چىڭىتىشنىڭ يېقىندا ئىمزالانغان ئىران يادرو كېلىشىمگە مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىران رادىئو ئىستانسى 25-دېكابىر بۇ يېڭى سىياسەتنى ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن بۇيان ئىرانغا قارشى قوللانغان «تۇنجى تەدبىرى» دېگەن. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا ئالاقىدار چەكلەش تەدبىرىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋىزا سىياسىتىنى چىڭىتىشنىڭ بىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ تېزدىن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved