ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: چىنە زاۋۇتى ئەتراپىدا ناۋايلىق قىلىدىغان 42 ياشلىق مۇخپۇل خېلىل 6-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە كېلىپ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىگە 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹گۇما خەلقى ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولدى، بۇ 2000 يۈەن مېنىڭ بۇ نەچچە كۈندە نان يېقىپ تاپقان پۇلۇم، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن قىلغان كىچىككىنە ياردىمىم بولسۇن».
مۇخپۇل ئالتە ياش چېغىدا دادىسى تۈگەپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئوڭ قول چىمچىلاق بارمىقى كىچىك ۋاقتىدا ئېتىز ئەمگىكى قىلىۋاتقاندا چېپىلىپ كەتكەن، بىر قېتىم ئاغرىپ قېلىش سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقى گاس بولۇپ قالغان. بىراق، بۇ كېلىشمەسلىكلەر ئۇنىڭ ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاش ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان. بۇ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن خەي-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە كەلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved