5-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قوللىغۇچى ئورۇنلىرىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ كۈندىكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى، شېنخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئىشى، ئاۋامنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىشى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سېپىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاۋام ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىنى، يىراقتىن كېلىدىغان مېھمانلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن نەپ ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 15 كۈن قالدى، بىز ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ خىزمەتلەرنى تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved