يىقىندا، ئەنگىلىيەدىكى Ladbroke ناملىق داڭلىق لاتارىيە شىركىتى 2000 نەپەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىگە قارىتا A Test of Wits دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدار سىناش پائالىيىتى ئىلىپ بارغان، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بېكىتىدىغان يەتتە خىل سوئالغا جاۋاب بىرىدىكەن ۋە ئۆزىنىڭ قانداق يانفون ئىشلىتىدىغانلىقىنى تولدۇرىدىكەن. ئاخىرىدا سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئالغا جاۋاب بەرگەن ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قسىقىلىقى ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش ئۆلچىمى قىلىنىدىكەن. سىتاتسىتىكا نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئىچىدە، ئايفون ئابونتلىرى ھەممىدىن ئەقىللىق چىققان.
نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئايفون ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سوئالغا جاۋاب بىرىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 54 سېكونت بولغان، Nexus يانفونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 59 سېكونت بولغان. سامسۇڭ ۋە HTC ئابونتلىرىنىڭ يەتتە سوئالغا جاۋاب بىرىشى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 103 ۋە 105 سېكونت ۋاقىت كەتكەن. نوكىيا يانفونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بولسا 109 سېكونت بولۇپ، كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بولغان. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، كىشىلەر تەرىپىدىن سودا ۋە خىزمەتكە ئىشلىتىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەپ قارىلىپ كەلگەن قارا بۆلجۈرگەن يانفونىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بىرىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 118 سېكونت بولغان.
ئەلۋەتتە، بۇ خىلدىكى سىناق نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يالغۇز ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىلا ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك بۇنى ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.بىراق، ئەگەر سىز بىر قارا بۆلجۈرگەن يانفونى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا A Test of Wits دىگەن بۇ سىناققا قاتنىشىپ، قارا بۆلجۈرگەن ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved