سىمسىز روتىرلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ

      12-ئاينىڭ 9-كۈنى پەن-تېخنىكا تورى TechRadar ئاخبارات ئېلان قىلىپ، گۇگۇل شىركىتىنىڭ سىمسىز روتېرلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى قوپال قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىمسىز روتېرنى مېھمانخانىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. يېقىندا گۇگۇل شىركىتى بىر يۈرۈش سىمسىز روتېرلارنىڭ قوغداش قېپىنى بازارغا سالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلەتكۈچىلەر يەنە ئۆزى قول سېلىپ ئۆزىگە خاس بولغان روتېر قوغداش قېپى لاھىيلىسە بولىدىكەن.                                                                                               

     مېۋە تەخسىسى، گۈل تەشتىكى، ياكى ئويۇنچۇق شەكلىدىكى سىمسىز روتېرلار پات ئارىدا مەيدانغا چىقىدىغان بولۇپ، گۇگۇل شىركىتى قارا ياكى ئاق، شەكلى قوپال سىمسىز روتېرلارنى مۇشۇنداق قىزىقارلىق نەرسىلەرگە ئوخشاش قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

سىمسىز روتېرنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىغا قارايدىغانلا بولساقمۇ، دەسلەپكى سىمسىز روتېر مەيدانغا كەلگەندىن تا ھازىرغىچە سىمسىز روتېر ئانتېننا، گەۋدە قىسمى ۋە توختىماي يېنىپ تۇرىدىغان چىراغدىن ئىبارەت مۇشۇنداق شەكىلدە ئىدى. ھازىر سىمسىز روتېر كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەزاغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە باشقىلار كۆرمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

لېكىن گۇگۇل شىركىتى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بەرمەكچى بولۇپ، ئۇلار پات ئارىدا OnHub Shells ۋە OnHub Makers پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆركەم، ئوماق لاھىيىلەرنى قوللىنىپ سىمسىز روتېرلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، سىمسىز روتېرلارنى مېھمانخانىغا باشلاپ كىرمەكچى بولغان.

ئۇنداقتا بۇ پىلان زادى قانداقراق پىلاندۇ؟

گۇگۇل شىركىتى ئاللىبۇرۇن كۆپ خىل OnHub Shells نى بازارغا چىقىرىپ بولغان بولۇپ، ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت بىر ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان قوغداش قېپىدىن ئىبارەت.

لېكىن OnHub Makers بولسا بىر ئىجادىي تەپەككۇر بازىرى بولۇپ، بۇ يەردە سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل سىياقتىكى قوغداش قاپلىرىنىڭ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

بۇ لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ لايىھەسى قەيەردە سېتىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئىنتايىن قولايلىق ھالدا ھەل قىلىنغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بىۋاسىتە لايىھەلىگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىدىن سېتىۋالسىمۇ، ياكى گۇگۇل شىركىتى تەمىنلىگەن گۇگۇل Play Store دىن سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا قول سىلكىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ياخشى بولغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى قول سېلىپ بۇ خىلدىكى سىمسىز روتېر قوغداش قېپىنى ياسىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، گۇگۇل شىركىتى ئالاقىدار تېخنىكا كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى، قىزىقىشى بويىچە ھەر خىل سىمسىز روتېر قوغداش قېپىنى لايىھەلەپ ئىشلەتسە بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
09-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيەدىكى تۇنجى تاغ پويىزى تېما قىلىنغان رېستۇران 13-ماي ئوردۇنتا شادلىق باغچىسىدا تىجارەت باشلايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ رېستۇراندىكى بارلىق تاماقل...
07-05-2016
    ئامېرىكا  Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان. تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:     1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
07-05-2016
    شاڭخەيدە تويى بولغان يىگىت جەي جياڭ بىلەن كېلىنچەك كاڭ شىتىڭ ۋەيما يولىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە «ئەرمەك ھايۋان تېما قىلىنغان توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، تويغا تەبرىكلەپ كەلگەن دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرمەك ئىتلىرىنى چىرا...
07-05-2016
    بىر نۇسخا يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئاران %13.6 ئىكەن. 2005-يىلىدىكى %11.3 دىن 2014-يىلىدىكى %11.9 كىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئاياللار رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ...
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
Powered by Leglek