ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان


ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلان قۇياش ئىمپۇلسى ئىككىنچى شۇ يەر ۋاقتى 9-مارت سەھەر سائەت يەتتىدىن ئون ئىككى مىنوت ،يەنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن ئون ئىككى مىنوت ئۆتكەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇزۇبىدىن قوزغىلىپ تۇنجى قېتىملىق يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىدى .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغا يەر شارىنى ئايلىنىش يول خەرىتىسىگە ئاساسەن قۇياش ئىمپۇلسى ئىككىنچى ئەبۇزەبىدىن قوزغىلىپ شەرققە قاراپ ئۇچىدۇ ،سەپىرىدە ئەرەب دېڭىزى ،ھىندىستان ،بېرما ،جۇڭگو ،تىنىچ ئوكيان ،ئامېرىكا ،ئاتلانتىك ئوكيان ،جەنۇبىي ياۋروپا ۋە شىمالى ئافرىقىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى بۇ يىل ئىيۇلدا ئەبۇزەبىگە قايتىپ كېلىدۇ .

يەر شارنى ئايلىنىش ئومۇمىي مۇساپىسى 35 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ .جەمئىي 12 شەھەردە توختايدۇ ،ئارىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ چۇڭچىڭ نەنجىڭ شەھەرلىرىمۇ بار .قۇياش ئىمپۇلسى ئىككىنچى ئەسلى بىرىنچى مارت ئۇچۇشنى پىلانلىغان ئىدى . ئەمما ئەبۇزەبىنىڭ قۇم بورانلىق ناچار ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىدە ئاخىر بورانلىق ناچار ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىدە ئاخىرى 9-مارتقا كېچىكتۈرۈلدى .
9-مارت قۇياش ئىمپۇلسى تۈرىنىڭ موناكونىڭ مونتېكارلو شەھىرىگە جايلاشقان تۈر كونتروللۇق مەركىزىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ نەزىرى شىۋىتساتىيەدىن كەلگەن بۇ غايەت زور قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلانغا تىكىلدى .ئايروپىلاننىڭ ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ كونتروللۇق مەركىزىدە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى . قۇياش ئىمپۇلسى ئىككىنچى ئىنسانلارنىڭ تارىخىدا قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ ئۇچۇش سەپىرىنى باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە بەش ياشلىق يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىدە قۇياش ئىمپۇلسى ئىككىنچىنىڭ ئاسماندا ئۇچىدىغان ئەمەلىي ۋاقتى پەقەت 25 كۈن بولىدىكەن . بۇ بىر ئۇچقۇچى ئولتۇرىدىغان ئايروپىلان نەچچە كۈندە بىر قېتىم قونۇپ ئۇچقۇچى ئالمىشىدىكەن .ئۇچقۇچىلار ئالماشقاندىن كېيىن ئۇلار يەرگە چۈشكەن جايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەكتەپلەر بىلەن مۇھىت ئاسراش ۋە سىجىل تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تەشۋىقات ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن .
قۇياش ئىمپۇلسى تۈرىنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى شىۋىتسارىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى بېرتاند پىككارد بىلەن ئاندېر بورشبېرگ ئايروپىلاننى نۆۋەتلىشىپ ھەيدەيدۇ . ئۇلار ئەڭ دەسلەپ لايىھىلەپ ياسىغان قۇياش ئىمپۇلسى 7-ئاپرىل تۇنجى قېتىم ئۇچتى .ئارقىدىن ئۇدا كېچە كۈندۈز ئۇچۇش دۆلەت ئاتلاپ ۋە قىتئە ئاتلاپ ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى .2014-يىلى ئاپرىلدا دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىمپۇلسى ئىككىنچى مەيدانغا كەلدى .

ئۇ پۈتۈنلەي قۇياش ئېنېرگىيىسى بىلەن ھەرىكەتلۈندۈرگەندىن سىرت يەنە كېچە كۈندۈز ئۇدا ئۇچالايدۇ .بۇ ئايروپىلان قوش قانىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 72 مېتىر بۇلۇپ بوئىن 800-747 يەنى بوئىن يەتتە يۈز قىرىق يەتتە سەككىز يۈز تىپلىق يولۇچى ئايروپىلاننىڭ قانىتى بىلەن باراۋەر دېگەنلىك.ئەمما ئېغىرلىقى پەقەتلا 03 توننا كېلىدۇ .ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇرۇش ئېگىزلىكى 8500 مېتىرغا يېتىدۇ ،ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 140 كىلومېتىرغا يېتىدۇ .ئايروپىلان گەۋدىسى ۋە قانىتىغا ئىنتايىن يېنىك بولغان كاربون تالالىق ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ،قانىتىغا 17248 پارچە ئالاھىدە نېپىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇياش ئېنېرگىيە باتارىيەلىرى تاختىسى ئورنىتىلغان .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK



خەتكۈچلەر:
10-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    Digitimes نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيجىدىيەن (TSMC) يىقىندا 2017-يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى ئايفون ئۈچۈن لايىھەلەنگەن A11 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان. ئىگەللىنىشىچە، ئالما A11 نى ئىش...
07-05-2016
    يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 18-تۈرلۈك «IPHONE» سودا ماركىسى شىنتوڭ (新通天地) تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە دەپ كېسىم چىقاردى، بۇ تۈرلۈك ماركىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بولسا تەقلىدىي تېرە، كالا تېرىسى، ئۆي جاھازىسى تېر...
07-05-2016
    تۈنۈگۈن 8 دىيوملۇق Galaxy Tab S3 نۇسخىلىق تاختا كومپيۇتېر دۆلەت ئىچىدە تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن بۈگۈن يەنە تور بېتىدە Galaxy Tab 4 Advanced نۇسخىلىق تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمە ئۆلچەملىرى ئاشكارىلاندى، د...
07-05-2016
    2014-يىلى، گۇگۇل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرىغا قارىتا Android One تۈرىنى يولغا قويغانىدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر، Android One تۈرى گۇگۇل ئويلىغاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىدى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئابونتلارنىڭ An...
07-05-2016
    رېيتېر ئاگېنتلىىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى پىلانلىغان، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىدى بولسا ھۆكۈمەتتىكى بىر...
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى پاي چېكى باھاسى تۈنۈگۈنكى بازاردا يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ، يەككە باھاسى 91.85 دوللاردا توختىغان، بۇ 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. يىقى...
06-05-2016
    گەرچە Galaxy J تۈرىدىكى ۋە Galaxy A يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلار ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىدا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، سامسۇڭنىڭ شىياۋمى ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىنىڭ م...
06-05-2016
    چەت ئەل تارتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئالاقە تورى فىنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ تور سېستىمىسىدىكى نۇقساننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.  &...
06-05-2016
    جۇڭگو نۇسخىسىدىكى HTC 10 يەنى LifeStyle سىنەپدراگون 652 نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆپلىگەن تەنقىدكە ئۇچرىدى، چەتئەللىك تورداشلارمۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلدى، بۈگۈن كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى...
06-05-2016
    جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزى رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-فىرانسىيە يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھەمكارلىق ھەپتىلىكى بۇ ھەپتە ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىلازما فىز...
Powered by Leglek