ئىككى تەرەپنىڭ تاۋار سودىسىنىڭ ئەركىنلىشىش نىسبىتى باج مۇندەرىجىسىدىكىنىڭ ٪90 دىن، سودا سوممىسىنىڭ ٪85 تىن ئاشتى
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ بىلەن كورىيە سانائەت-سودا بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى شياڭجى 1-ئىيۇن كورىيەنىڭ سېئول شەھىرىدە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى.جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئېلىمىز ھازىرغىچە چەت ئەللەر بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم ئىچىدە قارالما دائىرىسى ئەڭ كەڭ، دۆلەت سودا سوممىسى ئەڭ كۆپ ئەركىن سودا كېلىشىمى بولۇپ، جۇڭگو-كورىيەگە نىسبەتەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىدىغان كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ، ئۇ «پايدا ئومۇمەن تەڭپۇڭ، ئەتىراپلىق، يۇقىرى سەۋىيىلىك بولۇش»تەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
كېلىشىمگە ئاساسەن، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى جەھەتتە ئىككى تەرەپ تاۋار سودىسىنىڭ ئەركىنلىشىش نىسبىتى باج مۇندەرىجىسىدىكىنىڭ ٪90 دىن، سودا سوممىسىنڭ ٪85تىن ئاشقان. كېلىشىم دائىرىسى تاۋار سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، مەبلەغ سېلىش ۋە قائىدەدىن ئىبارەت 17 ساھەگە چېتىلغان بولۇپ، ئېلېكترونلۇق سودا، رىقابەت سىياسىتى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، مۇھىت قاتارلىق «21-ئەسىر ئىقتىساد-سودا قارالمىلىرى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ناچار تەسىر تىزىملىكى ئەندىزىسى بويىچە مۇلازىمەت سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ۋە كىرىش ئىجازىتىدىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە ۋە ناچار تەسىر تىزىملىكى ئەندىزىسى بويىچە مەبلەغ سېلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved